بالىلارنى تەربىيەلەشىڭ تۆۋەندىكىدەك ياخشى پەيتلىرىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز، كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي، بالىلارنى ھەم ئەخلاقلىق ھەم ياراملىق چوڭ قىلالايسىز:
1 . يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان ياكى بالا يېڭى ئۆگىنىش مۇھىتىغا كىرىشكەندە: بالىلاردا ھەمىشە بەلگىلىك يېڭى ئاڭ ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، چوقۇم ئىشەنچ بىلەن نەتىجىلىك ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ.
2 . مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ خۇشاللىققا چۆمگەندە: ئاتا - ئانىلار داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا، بالىلارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونكرېت يەلەپلەرنى قويسا، ئۆزلۈكىدىن تېخىمۇ تىرىشىدىغان بولىدۇ.
3 . قىيىنچىلىققا يولۇققان، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا: ئائىلە باشلىقلىرى ئاۋۋال نەتىجىنى كونكىرېت مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئاندىن يېتەرسىز تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
4 . مەلۇم ئىش ۋە نەرسىگە قىزىقىش پەيدا بولغاندا: ئاتا - ئانىلار چوقۇم بالىلارنى ئاكتىپ ئىلھاملاندۇرۇشى، بالىلارنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.
5 . مېھمان بولغان ياكى ئۆيگە مېھمان كەلگەندە: ئاتا - ئانىلار مېھمانلار ئالدىدا بالىلارنى ھەرگىز سۇندۇرماسلىق، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك سۆزلىشى، بالىلارنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش، نەتىجە قازىنىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
6 . مۇناسىپ ئائىلە ئىشلىرىغا قاتناشقاندا: بالىلارغا چىداملىق، غەيرەيلىك بولۇش، ئەمگەكنى سۆيۈش، تىرىشچان، ئاددىي - ساددا، تېجەشلىك بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.