باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

     

      ئايقىگۈل ئەركىن، قىرغىز، 13 ياش، ئاقچى ناھىيەلىك ‹‹قەلبداشلار›› ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئايقىگۈل ئەركىن سىنىپىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. ھەر قېتىمقى قۇربان، روزا ھېيتتا ئاز سانلىق مىللەت ساۋاقداشلىرى بىلەن خەنزۇ ساۋاقداشلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى. تاۋۇز چاغىنىدا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمۇ ئاز سانلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ھېيت – بايراملارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

      ئايقىگۈل ئەركىن كۆپ قېتىم مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولدى.

      قەشقەر ۋىلايىتىدىن

      ئابدۇكېرىم ئابلا، 17 ياش، قاغىلىق ناھىيەلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

ئابدۇكېرىم ئابلا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھۆرمەتلىدى، ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتتى. ساۋاقدىشى چېڭ شياڭچياڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس بولۇپ بىناغا چىقىش – چۈشۈشتە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىناتتى، ئابدۇكېرىم ئابلا تولۇقسىز 2 – يىللىقتىن تولۇق 1 – يىللىققىچە بولغان ئۈچ يىلدا چېڭ شياڭچياڭنى ئوقۇتۇش بىناسىغا يۈدۈپ چىقىش – چۈشۈشنى داۋاملاشتۇردى. دەرس ئارىلىقىدا چېڭ شياڭچياڭنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىشىگە ياردەم قىلدى.

      ئۇ ‹‹ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

      ئايجامال ئابلىمىت، 15 ياش، قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئايجامال ۋاقتى بولسىلا خەنزۇ قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، چامىسى يەتكۈدەك ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ دائىم دەي جۇەنخۇڭ بىلەن بىللە ئۆزئارا ›قوش تىل‹ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرىلەشتى.

     ئايجامال كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      جې چى، خۇيزۇ، 12 ياش، كوناشەھەر ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      جې چې ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئاتىسى بىلەن بىللە يېزىغا بېرىپ ئۇ يەردە تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان گۈلى بىلەن تونۇشتى، بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى جې چىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئېلىپ گۈلىنىڭ ئۆيىگە ئاپىراتتى ۋە گۈلى بىلەن ئاپىسىغا ھەمراھ بولاتتى. 2008 – يىلى گۈلى بەختكە قارشى قازا قىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ جې چى گۈلىنىڭ ئاپىسىنى تۇتۇق ئاپا قىلىۋالدى. ئۇ بالىلارچە گۆدەك قەلبى بىلەن قىزىدىن ئايرىلغان ئاينۇر ئانىنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

      2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتىغا كۆرسىتىلدى.

      لىڭ جېڭ، 14 ياش، پوسكام ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      پوسكام ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ يېرىم ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ لىڭ جېڭ ئاتا – ئانىسى يېزىدىكى بالىلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ يۇيۇپ كىيگۈدەك كىيىمىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆيى ناھىيە مەركىزىدىكى بالىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلارغا كىيىم – كېچەك ئىئانە قىلدى. ئىليارجان ئۆمەرنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى، لىڭ جىڭ ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلدى. ئالىمنىڭ ئەدەبىيات نەتىجىسى ياخشى ئەمەس ئىدى، لىڭ جېڭ ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەملىشىشتە ئىشنى ماقالە يېزىشتىن باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئالىمنىىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تېز ئۆستى.

      ئۇ 2010 – يىلى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كىچىك ئەلچى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.

      نۇرزاي مۆمىن، 12 ياش، مارالبېشى ناھىيەلىك ‹قوش تىل› تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      نۇرزاي بىلەن ما خەي ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ ئۇلار دائىم بىر – بىرىگە ياردەملىشەتتى. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئاجرىتىپ: ‹‹سىلەر قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى؟ تاقىۋالغان گالىستۇكىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، پىيونېر بولۇشقا مۇناسىپمۇ سىلەر؟›› دېدى.

      2010 – يىلى ئۇ مەكتەپ بويىچە ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى›› بولۇپ باھالاندى.

      خوتەن ۋىلايىتىدىن

 

      مەدىنە مەتتۇردى، 12 ياش، لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ۋېنچۇەندە ۋە يۈشۇدا يەر تەۋرىگەندە مەدىنە مەتتۇردى ئىككى قېتىم يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى كىچىك دوستلارغا ئىئانە قىلدى.

      سىنىپتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹‹ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى ئىستىل يارىتىش›› تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنىدا ئۇ سىنىپ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ئىش، پائالىيەتلەرنى سۆزلەپ بەردى. ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىشكەنلىك توغرىسىدىكى ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىدا ئاڭلىتىپ ساۋاقداشلارنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئىشلارنى تەشۋىق قىلدى.

      مەدىنە ئىلگىرى – كېيىن مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››، ۋىلايەت بويىچە ‹‹10 ياخشى ‹قوش تىل›لىق ئۆسمۈر›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر