باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئانامنىڭ نېنى

نۇرئەخمەت نۇرامبەگ

ئانام ياققان ئىسسىق تونۇر نان،

ھىدىڭ باشقا، تۇز تەمىڭ باشقا،

كۆپ تېتىدىم ناننى ئۆمرۈمدە،

سەندەك ھۇزۇر بەرمىدى باشقا

 

بىلىكىڭنىڭ قۇۋۋىتى چۈشكەن،

چېھرىڭدىكى تەر تېمىپ سىڭگەن،

بارماق ئىزىڭ تامغاڭ ئويۇلغان،

ئانام ياققان قۇۋۋەت تونۇر نان.

 

ئوتۇن بىلەن قىززىغاچ تونۇر،

پولات ئېرىپ كېتەر تەپتىدە،

ئانام ياققان ئاتەش تونۇر نان،

شۇڭا كەتمەس تەپتى ھەپتىدە.

 

باش تىقىسەن قىززىق تونۇرغا،

نېنىڭ ئۈچۈن پەرۋانە ئانا.

كالا سۈتى، شور تۇز تاۋلىغان،

مېھرى ئىللىق نېنىڭنىڭ شۇڭا.

 

ھەر كەلگەندە سەھرادىن نېنىڭ،

بۇرنۇم يېقىپ پۇراپ كېتىمەن،

ئانام ئەجرى سىڭگەن تونۇر نان،

ساڭا مەڭگۈ قانماي ئۆتىمەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي