باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

تومۇر نېمىشقا كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ

      بەدىنىمىزدە ئېقىۋاتقان قان قىزىل رەڭدە تۇرسا نېمە ئۈچۈن تومۇرىمىز كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ؟ تېببىي ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە قان تومۇرلار ئارتېرىيە، ۋىنا ۋە قىل قان تومۇر دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. تومۇر ئەسلىدە ئاق رەڭدە بولۇپ بىز ئادەتتە كۆرىدىغان كۆك رەڭلىك تومۇر ۋىنا تومۇر، قىزىل رەڭلىك تومۇر ئارتېرىيە تومۇرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئارتېرىيە تومۇرى موسكۇل ئىچىدە بولۇپ، ئادەتتە ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ۋىنا تومۇرى تېرىگە يېقىن جايلاشقان بولغاچقا ئۇنى قول – پۇت قاتارلىق جايلاردا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

      ئادەم بەدىنىدىكى قان ئارتېرىيە ۋە ۋىنا تومۇرلىرى ئارقىلىق ئايلىنىپ تۇرىدۇ. قىل قان تومۇرلار بولسا توقۇلمىلار ئارىسىدا ماددا ئالماشتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، قان تومۇرلار قان توشۇش، قان تەقسىم قىلىش، ماددا ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئېقىشى قان ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. قان ئايلىنىش سىستېمىسى يۈرەك ۋە قان تومۇرلاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا يۈرەكنىڭ سوقۇشى قان ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدۇ. بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈش ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى يىغىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش رولىغا ئىگە. يۈرەكتىن ئېقىپ چىققان قان ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. قان يۈرەككە ئېقىپ كىرىش جەريانىدا ئورگانىزىملار ھاسىل قىلغان كاربون تۆت ئوكسىد ۋە باشقا كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش ئورگانىزىملىرىغا يەتكۈزۈپ ئۇلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.

      ئارتېرىيە تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ساپ قاندا ساپ ئوكسىگېن بولۇپ، ئوكسىگېن بىلەن قان سويۇقلۇقىدىكى ھېموگلوگېن بىرلىشىپ قىزىل قان ھېموگلوگېننى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، قان قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ۋىنا تومۇردا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئىچىدە ھەرقايسى ئەزالار چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىد بولغاچقا قان بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ. ئەمما تېرە سېرىق بولغانلىقى ئۈچۈن قاننىڭ ئەسلى رەڭگى بىلەن بىرلىشىپ كۆزىمىزگە كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

      قەلبىنۇر ئابدۇرۇپ (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئېلېكتىر تېخنىكسى ئىنىستىتۇتى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە كەسپى 2009 – يىللىق 2 – سىنىپتا) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر