باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساۋاتلار

      1. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاشتۇزىنىڭ كۈنلۈك ئىستېمال مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئەمما، دۆلىتىمىزدە كۈنلۈك ئىستېمال قىلىنىدىغان ئاشتۇزى مىقدارى 13 گىرامدىن كۆپرەك بولۇپ نورمال مىقداردىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

      2. ۋىتامىن C پىسخىك بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. بېسىم ئېغىر بولغاندا بەدەن ئادەتتىكىدىن سەككىز ھەسسە كۆپ ۋىتامىنC نى خورىتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە چېچەكسەي، كاپۇستا، پالەك، كۈنجۈت، مېۋە – چېۋە قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. خىزمەت بېسىمى ئېغىر كىشىلەر ۋىتامىن C تابلېتىنى يەپ بەرگەندە ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.

      3. چارچاپ كەتكەندە تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن B، ۋىتامىن E، كالتسىي، تۆمۈر ۋە ئۆسۈملۈك مېيى مول بولغان يەر ياڭىقى، ئۆرۈك مېغىزى، مۇقاتىل، ياڭاق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا بەدەن قۇۋۋىتىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

      4. كالتسىي مىجەزنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولۇپ گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز بالىلارغا تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە مىجەزىنى تەڭشەيدۇ. سۈت، قېتىق، ئېرىمچىك، كىچىك قۇرۇتۇلغان بېلىق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا كالتسىي بار.

      5. ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەندە كۆكتات شورپىسى، تۇخۇم شورپىسى، چۆچۈرە قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى كۆپرەك، ۋىتامىن ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.

      6. ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ، ئادەم دىققىتىنى يىغالمايدۇ. ئۇيقۇ بېسىپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ھېچ بولمىغاندا سۈت، بىر نەچچە تال پېچىنە ۋە بىرىكمە ۋىتامىن يېيىش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مەۋلان