باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

      لى سەي، 14 ياش، نىيە ناھىيەسى روقىيا يېزىسىدىكى مىللىي – خەنزۇ ئارىلاش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      2012 – يىلى 20 – مارت لى سەينىڭ ساۋاقدىشى ۋارىسجان قىزىپ قالدى، لى سەي ئۇنى دوختۇرخانىغا يۈدۈپ ئاپىرىپ داۋالاتتى ھەم كۈندە دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋارىسجانغا كۈندىلىك دەرسلەرنى تولۇقلاپ بەردى. لى سەينىڭ ياردىمىدە ۋارىسجان دەرستىن قالمىدى.

      لى سەي مەكتەپتە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ياخشى ئۆسمۈر›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      ليۇ يۆ، 17 ياش، خوتەن ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ليۇ يۆنىڭ ساۋاقدىشى ئادىلەنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئىش ئادىلەنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرستىپ ئۆگىنىشتە چېكىنىپ قالدى. ليۇ يۆ ئادىلە بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. ليۇ يۆنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئادىلەنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

      ليۇ يۆ كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى›› بولۇپ باھالاندى، 2012 – يىلى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلاندى.

      قەدىردىن تۇرغۇن، 14 ياش، نىيە ناھىيەلىك مىللىي – خەنزۇ ئارىلاش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىدە قەدىردىن پارچە خىراجەت پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلدى. ئۇ ساۋاقداشلىرىنى ‹‹بىرگە بىر ياردەم بېرىش، ھەمرا بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ ئىجىل – ئىناق ئۆتۈشكە ئۈندىدى. ئۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئەقلىي كەمتۈك بالىلار بىلەن دوستلىشىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

      قەدىردىن كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› بولۇپ باھالاندى ھەم 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتىغا كۆرسىتىلدى.

      تۇرسۇننىسا مەتتۇرسۇن، 14 ياش، خوتەن شەھەرلىك ‹‹ئۈمىد›› باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      2012 – يىلى 16 – يانۋار تۇرسۇننىسا ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولۇپ خوتەن شەھىرىدىكى تاشبۇلاق ئىستراھەت مەيدانىغا كەلگەندە بىر خەنزۇ قىزچاقنىڭ مۇز تۇتقان كۆلگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، ئۇ سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ قىزچاقنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى ھەم ئۇنى نۇرباغ كوچا باشقارمىسىغا ئېلىپ بېرىپ كوچا باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئاتا – ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

      تۇرسۇننىسا كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      قاراماي شەھىرىدىن

      ۋاڭ چېنلۇڭ، 16 ياش، قاراماي شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ۋاڭ چېنلۇڭنىڭ ساۋاقداشلىرى سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ئۇ سىنىپ باشلىقى بولغاچقا يىلدا قۇربان ھېيتلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ بايراملىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىنى تېخىمۇ ئىجىل – ئىناق ئۆتۈشكە يېتەكلىدى. ۋاڭ چېنلۇڭ ۋاقتى يەتسىلا ئۇيغۇرچە ئۆگەندى. ھەر يىلى يازلىق تەتىل ئاياغلىشىپ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 3 – ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندە، ئۇ سەھەردىلا مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈك – تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ياتاقلىرىنى رەتلىشىپ بەردى.

      ۋاڭ چېنلۇڭ كۆپ قېتىم قاراماي شەھىرى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندى.

      سەبىخە شەپقەت، 12 ياش، قاراماي شەھەرلىك 10 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      سەبىخە شەپقەت دائىم قاراماي شەھەرلىك گاس – گاچىلار مەكتىپىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە دەرسلىكلەرنى ئاپىرىپ بەردى. 12 – ماي ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئۇ يىغقان پارچە خىراجەت پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاپەت رايونىدىكى كىچىك دوستلارغا ئىئانە قىلدى. سومكا، قەلەم، دەپتەر قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئاپەت رايونىدىكى بالىلارغا ئەۋەتىپ بەردى.

      ئۇ كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      شىخەنزە شەھىرىدىن

      رىزۋانگۈل، 12 ياش، شىخەنزە شەھەرلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      رىزۋانگۈل ‹‹بىرگە بىر ياردەم بېرىش، ھەمراھ بولۇش›› پائالىيىتىدە، ساۋاقداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىيىنچىلىقى بار كىچىك ھەمراھلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى. رىزۋانگۈل 2012 – يىلى 10 – ئاپرېل چۈشتە شىخەنزە شەھىرىنىڭ كونابازار كوچىسىغا جايلاشقان جىنچېڭ مەھەللىسىگە يېقىن يەردە سومكا تېپىۋالدى، ئۇ سومكىنى ئېچىپ ئىچىدىكى چەك ۋە تالونلارنى كۆرۈپ، شۇ ھامان سومكىنى مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. سومكىدىكى ئامانەت پۇل چېكىنىڭ قىممىتى 97 مىڭ يۈەن چىقتى.

      رىزۋانگۈل كۆپ قېتىم ‹‹پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇنەۋۋەر كادىرى››، ‹‹ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمىغان ئۆسمۈر›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر