باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئاندىرسوننىڭ ئارزۇسى

      ئاندىرسون ناھايىتى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئىزچىل سەنئەتتىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 168 پارچە بالىلار چۆچىكى ۋە ھېكايىسى يازىدۇ. ‹‹دۇنيا بالىلار چۆچىكى ئاتىسى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولىدۇ.

      1. 1805 – يىلى 2 – ئاپرېلدا ئاندىرسون دانىيەنىڭ كىچىك بىر بازىرىدا تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭ نامرات موزدۇز دادىسى كارىۋات بېشىدا ئولتۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەسەر دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. خۇددى دادىسىنىڭ ئارزۇسىدەك ئاندىرسۇن تۇغۇلۇپلا ئەدەبىي ئەسەرگە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ.

      2. ئاندىرسوننىڭ ئاۋازى ناھايىتى ياخشى بولۇپ دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە ئويۇن قويۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتى. قوشنىلىرى ھېكايە سۆزلىسە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سالاتتى، ھەتتا چۈشىدىمۇ ھېكايىدىكى ئىشلارنى كۆرەتتى.

      3. ئاندىرسون تەڭتۇشلىرى بىلەن ناھايتى ئاز ئوينايدۇ، ئۇ ئۆيىدە ئويۇنچۇقلىرىدىن تىياتىرخانا ياساپ، ياغاچ قونچىقىغا كىيىم تىكىدۇ، ئۇنى ناخشىچى، ئارتىس ياكى دىراماتورگ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ھەرخىل غەلىتە، قىزىقارلىق ھېكايىلەر كىرىۋالىدۇ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىققا تولغان مۇھىتى ئۇنىڭغا ئازراقمۇ تەسىر قىلمايدۇ.

      4. ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاندىرسوننىڭ خىيالپەرەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ كاللسىنىڭ سۈيى بار دېيىشىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كاستىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ئىلھام بېرىدۇ.

      5. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاندىرسون كومىدىيە ۋە ئوپىرا ئاڭلىيالايدىغان ياخشى ئامال تاپىدۇ. ئۇ تىياتىرخانىنىڭ خىزمەتچىسىگە كۈچىنىڭ بارىچە ئىشلەپ بېرىپ ئويۇن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكچى، بولمىغاندا ئۇلارنىڭ بىرەر پارچە ئېلانىنى بولسىمۇ كۆرۈۋالماقچى بولىدۇ.

 

      6. ئۇ 11 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلەمچى بولىدۇ. ئاندىرسون ئازراقلا پۇرسەت بولسا ئىشچىلارغا شېكسىپىرنىڭ ئوپىرالىرىنى ئورۇنداپ بېرىدۇ. ئاندىرسون ئاستا – ئاستا سىرتقى دۇنياغا يۈزلىنىدۇ. 14 ياشقا كىرگەندە يالغۇز كوپىنھاگىنغا كېلىدۇ. ئاۋۋال يۇرتداشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئېلىپ داڭلىق بىر ئۇسسۇلچى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ. غوجىدار ئۇنىڭ ئاۋارە ئۈستبېشىغا قاراپلا ئۇنى ئۇرۇپ كەتكۈزۈۋېتىدۇ.

      7. يۆلەنچۈكسىز قالغان ئاندىرسون قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ بىر مۇزىكانتنىڭ ئۆيىگە ئۈسۈپلا كىرىدۇ. بۇ چاغدا بۇ مۇزىكانت دانىيەدىكى بىرنەچچە داڭلىق كومپوزىتور ۋە شائىرلارنى تەكلىپ قىلغانىدى. ئاندىرسون كۈتۈلمىگەندە مېھمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.

      8. ئاندىرسونغا ئامەت كېلىدۇ. ئۇ ناخشا ئېيتىش، ئويۇن قويۇش، دېكلاماتسىيە قىلىش، دىراما ئىجاد قىلىش قاتارلىقلارغا ئىجتىھات بىلەن كىرىشىدۇ.

      9. ئاندىرسون يەنە ماددىي ياردەمگە ئېرىشىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1835 – يىلنىڭ بېشىدا ئاندىرسون «شائىرلىققا ھەۋەس» ناملىق ھېكايىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى يېزىپ بىراقلا نام چىقىرىدۇ. شۇ يىلى «ئاندىرسون چۆچەكلىرى»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى كوپىنھاگىندا دۇنياغا كېلىدۇ.

      بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 150 خىلدىن كۆپرەك تىلغا تەرجىمە قىلىندى، يەنە كىنو، سەھنە تىياتىرى، بالېت تىياتىرى، كارتون قىلىپ ئىشلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر