باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالا تەربىيەلەشتە ‹‹10››نى قىلماسلىق لازىم

       1. سەت گەپلەر بىلەن تىللىماسلىق لازىم. مەسىلەن، ‹‹سەن بىر ئۇچىغا چىققان كالۋا.››

       2.  كەلسە – كەلمەس ئەيىبلىمەسلىك لازىم. مەسىلەن، ‹‹سەن بىزگە دائىم ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغان بىر چاتاقچى.››

       3. ئارتۇقچە بېسىم ئىشلەتمەسلىك لازىم. مەسىلەن، ‹‹ئاغزىڭنى يۇم، يەنە گەپ قىلىشىڭغا رۇخسەت يوق.››

       4 . زومىگەرلىك قىلماسلىق لازىم. مەسىلەن، ‹‹مەن بولمايدۇ دېگەندىكىن بولمايدۇ.››

       5 . غۇرۇرىغا تەگمەسلىك لازىم. مەسىلەن، ‹‹سەن بىر يارىماس.››

       6 . پوپوزا قىلماسلىق لازىم. مەسىلەن، ‹‹مەن سەندىن زېرىكتىم، سەن مېنىڭ بالام ئەمەس، يوقال كۆزۈمدىن.››

       7 . يالۋۇرماسلىق لازىم. مەسىلەن، ‹‹جېنىم بالام، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي بولامدۇ.››

       8 . ئاغرىنماسلىق لازىم. مەسىلەن، ‹‹چىدىماس، ئازراقمۇ غەيرىتىڭ يوق. مېنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ.››

       9 . ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك. مەسىلەن، ‹‹ئەگەر ئىمتىھاندىن 100نومۇر ئالساڭ….››

      10 . مەسخىرە قىلماسلىق لازىم. مەسىلەن، ‹‹قالتىسقۇ، مۇنداق ھۈنىرىممۇ بار دە تېخى….››

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان