باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئۆتمۈشنى ئەسلەش ۋە يىراققا نەزەر

      تومۇز يازنى ئۇزىتىپ راھەتبەخش كۈزنى كۈتۈۋالدۇق. ساۋاقداشلار، گۈزەل مەكتەپ، رەڭگارەڭ مەكتەپ تۇرمۇشى سىلەرنى كۈتمەكتە.

      2012 – يىلى كۈزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. بۇ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتاي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ. مۇشۇ پەيتتە ۋەتىنىمىزنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بەش يىلىغا نەزەر سالساق قەلبىمىزدە ھاياجان مەۋج ئۇرىدۇ...

      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق ئەسلىمىلىرىگىچە؛ 2008 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئورتاق دۇنيا، ئورتاق غايە›› شۇئارىدىن 2010 – يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆرگەزمىسىدە ئىپادىلەنگەن ‹‹شەھەر تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى›› دېگەن غايىگىچە؛ 12 – ماي يۈز بەرگەن سىچۇەن ۋېنچۇەندىكى غايەت زور يەر تەۋرەشتىن 14 – ئاپرېل چىڭخەي يۈشۇدا يۈز بەرگەن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان ئاپەتكىچە؛ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىدا ياڭرىغان ئەترەت ناخشىسىنىڭ جۇشقۇن ساداسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى كىشىنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرىدىغان دۆلەت شىئېرىغىچە بەش يىل جەريانىدىكى تارىخقا شاھىت بولدۇق، روھىمىزنى تاۋلىدۇق، چوڭ بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىدۇق، جەۋلان قىلىپ تۇرغان ئەترەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يېقىملىق مېلودىيەلەرنى ياڭراتتۇق...

      گۈزەل جۇڭگونى پۈتۈن جاھانغا تونۇتايلى. ساۋاقداشلار، ئەلا ئۆگىنىش نەتىجىلىرىمىز، روھلۇق قىياپىتىمىز بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر