باش بەت | مەكتەپلەر

گۇاڭجۇ شەھەرلىك ‹‹يۈيەن›› ئوتتۇرا مەكتىپى

      ‹‹يۈيەن›› ئوتتۇرا مەكتىپى ـ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلغان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. مەكتەپنىڭ كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر، باغ - ئورمان كۆلىمى 3325 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، قەدىمىي ئۇسلۇپتا سېلىنغان، تۇتاش كەتكەن ئىمارەتلەر بۇ مەكتەپنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشقان.

      بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رايونى، ئىشخانا رايونى، تەنھەرىكەت رايونى، تۇرمۇش رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولۇپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئىقتىدارلاشقان زامانىۋى ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، مەيدان، سارايلىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل، قاتتىق ماتېرىياللىرى ئۆلكە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھازىر، بۇ مەكتەپتە 220 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىدىن ئۈچى، ئالىي ئوقۇتقۇچىدىن 77سى، 1 - دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىدىن 54ى، ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 41سى بار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئۆلچىمىگە يېتىش نىسبىتى %100 يەتكەن.

      بۇ مەكتەپ مەركەز ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە 2010 - يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە 43 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. مەكتەپ 2006 - يىلىدىن باشلاپ ‹‹خەلق رازى بولغان مەكتەپ قۇرۇش››نى مەقسەت قىلىپ، ‹‹جەمئىيەتنى يېتەكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش››نى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى قىلىپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، جۇغراپىيە، ئۇچۇر، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق مۇسابىقىلەردە خەلقئارا، ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك بولۇپ 700 نەچچە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، پەن - تېخنىكا، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ئوقۇتۇش ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ھازىر، بۇ مەكتەپ گۇاڭجۇ شەھىرى بويىچە پەن - تېخنىكا ئالاھىدە تۈر مەكتىپى بولۇپ باھالانغان، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىلغار ماشىنا ئادەم پائالىيەت سۇپىسى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان