باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئالىملار كۆيۈشچان مۇزنى بايقىدى

      ھەممىمىزگە مەلۇم سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆل گىرادۇسقا چۈشكەندە كىرىستاللىنىپ مۇزغا ئايلىنىدۇ. مەيلى سۇ ياكى مۇز بولسۇن ھەر ئىككىسى كۆيمەيدۇ ھەم كۆيۈشكە ياردەم بەرمەيدۇ. بىراق، يېقىندا ئالىملار بىر خىل كۆيۈشچان مۇزنى بايقىدى. بۇنداق كۆيۈشچان مۇز، ئەمەليەتتە، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم شارائىتىدا تەبىئىي گاز بىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيەسىدىن ھاسىل بولغان، مۇزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. بۇنداق مۇز كۆيۈشچان بولۇپ، ئاساسلىقى، دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە بولىدۇ. ھازىر ئالىملار شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى دېڭىز ئاستىدا زور مىقداردىكى كۆيۈشچان مۇزنى بايقىدى.

      بۇنداق مۇزنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى غەلىتە بولۇپ، ئادەتتە، ھەر بىر كۆيۈشچان مۇز مولېكۇلاسىنىڭ ئەتراپىنى ئالتە دانە سۇ مولېكۇلاسى ئوراپ تۇرىدىكەن. ئەگەر ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان سۇ مولېكۇلالىرىنى چىقىرىۋەتكەندە كۆڭۈلدىكىدەك يېقىلغۇغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كۇب مېتىر كۆيۈشچان مۇزدا 200 كۇب مېتىر كۆيۈشچان گاز بولىدىكەن.

      كۆيۈشچان مۇزنىڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىكى زاپاس مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھازىرغىچە ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى بويىچە ھىسابلىغاندا، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ نەچچە يۈز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، بۇ ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

      ئۇنداقتا، بۇنداق كۆيۈشچان مۇز چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا قانداق شەكىللەنگەن؟

      ئادەتتە، دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئاشقانسېرى بېسىمىمۇ مۇناسىپ ئاشىدۇ. دېڭىز - ئوكيانلاردىكى جانلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن، دېڭىز ئاستىغا چۆكىدۇ. بۇلار چىرىگەندىن كېيىن، باكتېرىيەلەرنىڭ پارچىلىشى بىلەن مىتان، ئىتان قاتارلىق كۆيۈشچان گازلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق گازلار دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىمى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارئىتىدا سۇ بىلەن بىرىكىپ كۆيۈشچان مۇزنى ھاسىل قىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇنداق مۇزنىڭ زاپاس مىقدارى داۋاملىق ئاشىدۇ.

      ھازىر كىشىلەر بۇنداق غايات زور مىقداردىكى كۆيۈشچان مۇزنى بايقىغانلىقىدىن خۇشال بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى قېزىپ چىقىرىش ئاسان ئەمەس. كىشىلەر ھازىرچە ئۇنى قېزىپ چىقىرىشقا ئامالسىز. ناۋادا، كەلگۈسىدە ئۈنۈملۈك بىر خىل مۇز پارچىلىغۇچى رېئاكتىپ مەيدانغا كەلسە، ماشىنا ئادەملەرنى دېڭىز ئاسىتىغا چۈشۈرۈپ، بۇنداق مۇزنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنى بۇزۇپ، غايەت زور مىقداردىكى كۆيۈشچان مۇزغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە بۇنداق مۇز ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر خىل پاكىز يېقىلغۇسى بولۇپ قالغۇسى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان