باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادامغا خەت

 بۇھەجەر ماخمۇتجان

      ئېھ، كۆيۈمچان دادا! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. قەدىرلىك دادا، مەن سىزنىڭ تەربىيىڭىز بىلەن قەيسەر، ئىرادىلىك قىز بولۇپ يېتىلىۋاتىمەن. دادا، سىزدىن پەخىرلىنىمەن، سىزنىڭ ئاشۇ ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىڭىزدىن، تىرىشچان، قەيسەر روھىڭىزدىن پەخىرلىنىمەن. قەدىرلىك دادا! سىز مېنىڭ پەخرىم. سىزگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئىرادىلىك، قەيسەر ئادەم بولۇپ، سىزنىڭ ماڭا قىلغان ۋە ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزنى، مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن. ئېھ، كۆيۈمچان دادا! ماڭا ئىشىنىڭ، مەن چوقۇم سىزگە ئوخشاش ياخشى نىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقىمەن.

     

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: مەۋلان