باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

راھىلە مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى راھىلە ئابدۇۋەلى گۈزەل سەنئەت دەرسى بەرگەن بىر يىلدىن بۇيان رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇلارغا جىسىم، جانلىق ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قانداق سىزىش، رەڭنى قانداق بېرىش توغرىسىدا ساۋات سۆزلەپ بەردى. بۇ يىل خەلقئارالىق ۋە مەملىكەتلىك ئۆسمۈر – بالىلار رەسىم مۇسابىقىلىرىگە 60 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇلار سىزغان سۇ بوياق، ماي بوياق ۋە دوغ بوياق رەسىملەردىن 30 پارچىنى تاللاپ 5 – ئايدا سىچۇەندە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹يەر شارى، مۇھىت›› تېمىسىدىكى رەسىم، ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى بىلەن مەملىكەتلىك 7 – نۆۋەتلىك ‹‹بالا چولپان›› لوڭقىسىنى تالىشىش ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىم، ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە نادىرە مەخمۇت، ئەليار ياقۇپ قاتارلىق ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹گۈزەل يۇرتۇم››، ‹‹شەھەر كېچىسى›› قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى ئالتۇن مېدالغا، ئېھسان قاتارلىق يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹دېڭىزنى سۆيگەن قۇياش›› قاتارلىق يەتتە پارچە ئەسىرى كۈمۈش مېدالغا، ئاينىگار قاتارلىق ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر قىزى›› قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى مىس مېدالغا ئېرىشتى. راھىلە مۇئەللىممۇ ‹‹مۇنەۋۋەر يېتەكچى›› ۋە ‹‹مۇنەۋۋەر تەشكىللەش›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

سۈرەتتە: نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار راھىلە مۇئەللىم بىلەن بىللە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر