باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

گۈرۈچ چۆپى قورۇمىسى

 
      ماتېرىيالى: گۈرۈچ چۆپى (مى فېن) 200 گىرام، يېسىۋېلەك 50 گىرام، قىزىلمۇچ چانالمىسى ئازراق، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىسى، تۇز، جاڭيۇ، مۇۋاپىق توخۇ تەم جەۋھىرى (بۇنى سېلىش-سالماسلىق ئىختىيارىڭىز)

      تەييارلاش ئۇسۇلى:

      1. گۈرۈچ چۆپىنى بىر ئاز قاتتىق ھالەتتە پىشۇرۋالىسىز، ئاندىن سوغۇق سۇغا سېلىپ چايقايسىز!

      2. يېسىۋېلەكنى كىچىكرەك پارچە - پارچە توغرايسىز.

      3. قازانغا 50 گىرام ماي قۇيۇپ سامساق، زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ چانالمىسىنى سېلىپ سەل قورۇپ پۇرىقى چىققاندا يېسىۋېلەك توغرالمىسىنى سېلىپ، چالا پىشقىچە قورۇيسىز، ئاندىن گۈرۈچ چۆپىنى سېلىپ، چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، جاڭيۇ قۇيۇپ رەڭگى سارغايغاندا، تۇز سېلىپ، توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ قازاندىن ئالىسىز!

      ئالاھىدىلىكى: رەڭگى سارغۇچ ياكى قىزىل، گۈرۈچ چۆپى گىرت-گىرت، تەمى مەززىلىك، ئاچچىق بولىدۇ.

      ئەسكەرتىش: ئەگەر توخۇ تەم جەۋھىرى ياكى تېتىتقۇ سېلىشنى خالىمايدىغانلار گۈرۈچ چۆپىنى شورپىغا سېلىپ قاينىتىۋەتسە ئوخشاشلا مەززىلىك تەم پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ئاشپەز تورى تەھرىر: ئاينۇر