باش بەت | پىسخىكا

بالىلارغا زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇش زىيانلىق

      بەزى ئاتا - ئانىلار بالىمىز باشقا بالىلارغا ئوخشاش دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەر خىل كۇرسلارغا قاتناشمىسا، ئۇلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، شۇنداق بولامدۇ؟

      قېنى ئاۋۋال چوڭ مېڭىنىڭ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. نېرۋا ئىلمى ساھەسىدىكىلەر يېڭى ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى نەچچە يىلىنىڭ چوڭ مېڭە يېتىلىدىغان ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل›› ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ئاچقۇچنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىلا تالاش - تارتىش بار. كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تىل، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بالىلىق چاغدىكى ئۆگىنىش ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالىم ھايلون نوۋېل ئامېرىكىغا ھەر خىل مەزگىلدە كۆچۈپ كەلگەن ئىسپانىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش جەريانىدا چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئىككىنچى خىل تىلنى تۆت ياشتىن ئىلگىرى ئۆگەنگەن كۆچمەننىڭ ئىنچىكە گىرامماتىكا خاتالىقىنى تۈزىتىشىدە چوڭ مېڭىسىنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاسىنىڭ تولاراق تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك سول مېڭىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئىنگلىز تىلىنى تېخىمۇ كېيىن ئۆگەنگۈچىدە بۇنداق ئىنكاسنىڭ ئوڭ مېڭىسىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

      لېكىن ھەر قانداق ئۆگىنىش مۇشۇ ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل›› تەسىرىگە ئۇچراۋەرمەيدۇ. نوۋېل بايقىغاندەك، سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىش گىرامماتىكا ئۆگىنىشكە ئوخشىمايدۇ، سۆز ئۆگىنىشنىڭ بالدۇر - كېيىن بولۇشى ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھازىر نېرۋا ئالىملىرى بالىلىق مەزگىلىنى ‹‹ئاچقۇچلۇق مەزگىل›› دېيىشتىن ‹‹سەزگۈر مەزگىل›› دېيىشكە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالا بىر مەزگىل ئۆگىنىشتە ئىنتايىن سەزگۈر بولىدۇ، لېكىن بۇ مەزگىل قولدىن بېرىپ قويۇلسا، بۇ ھەرقانداق ئاچقۇچلۇق مەزگىلنىڭ قولدىن كېتىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېگەنگە تېخىمۇ مايىل بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق سەزگۈر مەزگىل بالىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا مەركەزلەشكەن بولمايدۇ، ئۇ ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزى ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش شارائىتى چوڭ مېڭە يېتىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ھازىرلىنىدۇ. ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلانمىغاندا، بالىنى ئۆگىنىشكە زورلىغاندا ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ.

      ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى بالىنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى پىسخىك ھالىتىگە باغلىق بولىدۇ. بالا ھەقىقىي قىزىقىدىغان تۈرنى تاللىيالىسا، يەنە كېلىپ ئۆگىنىش جەريانىدا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئۆگىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى باشقا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

      يەنە بىر جەھەتتىن چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە، ئۆگىنىش مەزگىلىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. شاڭخەيدە چىقىدىغان ‹‹كەچلىك خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەيدە ئۈچ ياشلىق بىر بالا ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، خەنزۇ ئورتاق تىلى، شاڭخەي شىۋىسى قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىشكە مەزگىلسىز سېلىنغاچقا، تىلى چىقمىغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى تىل توسالغۇسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، بالا ئانا تىلىنى تېخى تولۇق بىلىپ بولمىغان چاغدا، باشقا تىللارنى ئۆگىنىشكە سېلىنسا، ئۇنىڭ تاق سۆزلەرنى ئىگىلىشى ۋە ئانا تىل سەۋىيەسىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، تىل ئۆگىنىشكە قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ، بۇ تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشكە يېتەرلىك شارائىت بولۇشى كېرەك. ئالايلۇق، ئائىلە ۋە مەكتەپتە ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلانغان بولسا، بالىلار مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قايسى تىلدا سۆزلەشنى تاللىيالماسلىق قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىماي، تەبىئىي مۇھىتتا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن.

      بالىنى بالدۇر كۇرسقا بەرگەن ياخشىمۇ ياكى ئۇنى ئويناش جەريانىدا ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن ياخشىمۇ؟ نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، مەدەنىيەت مول مۇھىتنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. ناۋادا، بالىغا مول مەدەنىيەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىلسە، يەنى بالا خىلمۇخىل شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇلسا، خىلمۇخىل ئويۇنلارغا قاتناشتۇرۇلسا، بۇنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ. ناۋادا بالىلار دەرسخانىغىلا سولىنىپ، دەرسلىكتىكى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكىلا سېلىنسا، ئۇلارغا مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش بوشلۇقى يارىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان