باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئاكتىپ پوزىتسىيە

      يامغۇرلۇق بىر كۈنى مەن چوڭ بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ مال سېتىۋالغاچ، يامغۇرنىڭ توختىشىنى ساقلاپ تۇردۇم. تاللا بازىرىدا يەنە بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئالتە، يەتتە ياشلىق قىزىمۇ يامغۇرنىڭ توختىشىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. بىزدىن باشقا يەنە ئۇ يەردە يامغۇرنىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشلەرمۇ خېلى كۆپ ئىدى. كىچىك قىزچاقنىڭ تالىققىنە ئاۋازى تۇيۇقسىزلا جىمجىتلىقنى بۇزدى:

      – ئانا، بىز يامغۇردا يۈگۈرەيلى!

      – ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ قوزام، بىز يامغۇردا يۈگۈرسەك ھۆل بولۇپ كېتىمىز، يامغۇر بىر ئاز پەسلىگەندە ئاندىن ماڭايلى.

      – ئانا، ئۆيىمىزگە ھازىرلا يۈگۈرۈپ كېتەيلىچۇ؟

      – ئۇنداق قىلساق ئاغرىپ قالىمىز، قىزىم.

      ئۇنداق بولمايدۇ ئانا، سىز بۈگۈن سەھەردە ئۇنداق دېمىگەن، – دېدى قىز ئانىسىنىڭ قولىنى تارتقاچ.

      – بۈگۈن سەھەردە مەن نېمە دېدىم؟

      – ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتتىمۇ ئانا، سىز ئەتىگەن ئاتام بىلەن ئاتامنىڭ راك كېسىلى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، ئەگەر تەڭرى بىزنى بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈۋېتەلىسە، ئۇنداقتا، بىز ئۆتەلمەيدىغان ئۆتكەل يوق دېگەنىدىڭىزغۇ؟

      – توغرا ئېيتتىڭىز قوزام، بىز ئۆيگە ھازىرلا يۈگۈرۈپ كېتەيلى. ئەگەر ھۆل بولۇپ كەتسەك، يامغۇردا پاكلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بېسىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھېچقانداق ئۆتكەل يوق، قىزىم.

      شۇنداق قىلىپ بۇ ئايال قىزىنى يېتەكلەپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. بىر نەچچەيلەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈگۈردى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ چىقتىم. ھەقىقەتەن مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش يامغۇردا پاكلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

      ھېكمەت: مۇھىت ياكى باشقىلار سىزنىڭ نەرسىلىرىڭىزنى، سالامەتلىكىڭىزنى تارتىۋالالىشى مۇمكىن. بىراق ھېچقانداق بىر ئادەم سىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيىڭىزنى تارتىۋالالمايدۇ. ئاكتىپلىق تۇرمۇشىنىڭ ياخشى دورىسى. كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا ئۈمىدۋار بولسىڭىز، يالغۇز قالغاندا خۇشاللىق ئىزدىسىڭىز، تۇرمۇشقا قىزغىن مۇئامىلە قىلسىڭىز، بەخت شۇنداقلا سىزگە مەنسۈپ بولىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان