باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

تىيىپجان ھادى

(1922 – 1989)

      يازغۇچى ۋە تارىخچى، ‹‹پالۋان كەلدى››، ‹‹چورۇق ھېكىم››، ‹‹ئۆچكە دۆڭدە لاۋۇلدايدىغان مەشئەللەر›› ناملىق ھېكايىلەرنىڭ، ‹‹ئىلى گۇڭ، بەگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى›› ناملىق تارىخىي ماقالىلەرنىڭ مۇئەللىپى تىيىپجان ھادى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ يېزىقچىلىق قىلىشتىن سىرت ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى ئۈچۈنمۇ مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. ئەپسۇسكى، ‹‹ئىلى تارىخىدىن ئىزلار›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تاماملىيالماي دۇنيادىن ئۆتكەن.

 

مەنبە:

ئەدەپ - ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر

تەھرىر: مەۋلان