باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئىنەكنىڭ ئۇرۇشقا ياردەم بېرىشى

      سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەلۇم بىر پارتىزان ئەترىتى دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، نېمىس قۇشۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىر كۆۋرۈكىنى پارتىلىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ.

       كۆۋرۈك كۆرۈنۈپلا تۇرىدىكەن، بىراق ئۇنىڭغا يېقىنلاشماق بەكمۇ قىيىنكەن. چۈنكى، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە پوست ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاستىدا چارلىغۇچى ئەسكەر چارلاپ يۈرۈشىدىكەن، قىسقىسى، نېمىس قوشۇنلىرى كۆۋرۈكنى ناھايىتىمۇ قاتتىق ساقلايدىكەن.

       ئورمان ئىچىگە يوشۇرۇنغان پارتىزان ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تەقەززالىقتىن ئىچى تىت – تىت بولۇپ كېتىپتۇ.

      پارتىزان ۋىئودوۋ ئۇياق بۇياققا قاراپ ئاخىرى نېمىس قوشۇنلىرى گازارمىسنىڭ يېنىدا بىر كالا فېرمىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭدا بىرنەچچە ئون ئىنەك بار ئىكەن ئۇ شۇ ھامان كۆڭلىگە بىر نەرسىنى پۈكۈپتۇ – دە، كۈلۈپ تۇرۇپ:

     — مېنىڭچە ئىنەكلەرنى ئۇرۇشقا ياردەملەشتۈرسەك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، — دەپتۇ.

     — ئىنەكنى ئۇرۇشقا ياردەملەشتۈرسەك؟ — ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغان پارتىزانلار گېپىنى چۈشىنەلمەي ھاڭۋېقىپ قاپتۇ، — ئىنەك دېگەن سېنىڭ قوماندانلىقىڭنى ئالامدۇ؟ يەنە كېلىپ، ئىنەك بىلەن كۆۋرۈك پارتىلىتىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟

      — ئەزىمەتلەر، ئۆپكەڭلەرنى بېسىۋېلىڭلار، — دەپتۇ ۋىئودوۋ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرماي، ئۇدۇل ئەترەت باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ بىرنېمىلەرنى دەپتىكەن، ئەترەت باشلىقى باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ۋىئودوۋ ئورامانلىقنى بويلاپ كالا فېرمىسى تەرەپكە كېتىپتۇ.

      ۋىئودوۋ ئورمانلىقتىن چىقىپ، يەر بېغىرلاپ ئۆمىلىگەن پېتى كالا فېرمىسىغا كىرىپتۇ –دە، بىر بۇلۇڭغا بېرىپ يوشۇرۇنۇپتۇ. بۇ جايدا دۈشمەنلەر ئۇنى كۆرەلمەيدىكەن. بىراق، ئىنەكلەر بۇ ناتونۇش ئادەمنى كۆرۈپ سالام بەرگەندەك قىپتۇ.

       ئىنەكلەر بىردىنلا بۇ ناتونۇش ئادەمنىڭ قوينىدىن بىر قىزىل بايراقنى چىقارغانلىقىنى، تېخى توختماي پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. تېخى بايىلا ئۆز جايىدا جىمجىت تۇرۇشقان ئىنەكلەر ئەمدىلىكتە خۇددى جىنغا يولۇققاندەك، فېرمىدىن چىقىپ تەرەپ – تەرەپكە قاچقىلى تۇرۇپتۇ.

      ئۇلار يول تەرەپكە، تاغ تەرەپكە، كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ قېچىپتۇ.

      كۆۋرۈكنى ساقلاۋاتقان نېمىس قوشۇنلىرى نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي، ۋارقىراپ – جاقىراپ، ئىنەكلەرنى قوغلاپ توسۇپتۇ – دە، ئەسلىي كۈچى بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ. مۇشۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ھەممىسى ئاپتومات بىلەن قوراللانغان سابىق سوۋېت پارتىزانلىرى ناھايىتى تېزلىك بىلەن كۆۋرۈككە يېتىپ كەپتۇ.

      ئۇلار كۆۋرۈكنى ساقلاشقا قالدۇرغان بىرنەچچىلا نېمىس ئەسكىرىنى يوقىتىپ، پارتىلىتىش دورىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپتۇ، ‹‹گۈمبۈ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پۈتۈن كۆۋرۈكنىڭ ۋەتۋەرىكى چىقىپتۇ.

      نېمىس قوشۇنلىرى ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، ئارقىغا يېنىپ قايتىپ كەپتۇ، ئۇلارغا دەرياغا قاراپ ھەسرەتلىنىشتىن باشقا ئامال بولماپتۇ.

      پارتىزانلار غەلىبە بىلەن قايتىپتۇ. كۆپچىلىك ۋىئورداۋنىڭ ئىنەكلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقىدىكى كارامەتنى چۈشىنىپتۇ: قىزىل رەڭ كالىنىڭ نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدىكەن. شۇڭا قىزىل بايراق ئۇلارنى خۇدىنى بىلمەيدىغان ھالغان كەلتۈرۈپ قويغانىكەن. كالا سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدىكى ئەزىمەتلەرمۇ قىزىل لاتىنى پۇلاڭلىتىپ يۈرۈپ بۇقىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟

 

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەردىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي