باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنى بىلەمسىز

      يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىكى مىدېتسىنالىق تەتقىقاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە كۆپلىگەن يېمەكلىكلەر بىلەن بەزى بىر كۆكتاتلارنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنىڭ بارلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

      مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسىدا بولۇپ، مۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسى ئاغرىق ئۇچۇرىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇپ، ئاغرىقنى تورمۇزلاپ، نېرۋا ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇچنىڭ تەركىبىدىمۇ ئاسپىرىننىڭ تەركىبىدە بار بولغان ئاغرىقنى توختىتىش رولىغا ئىگە بىر خىل ماددىنىڭ بارلىقى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. شۇڭا، ھەر بىر بىمار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاغرىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدىغان، ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش، شاكىلات، قىزىل ئۈزۈم ھارىقى، سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئىسلانغان گۆش، ھور نان، بولكا قاتارلىقلارنى ئىمكەنقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىپ، يېڭى مېۋە - چىۋە، كۆكتاتلارنى بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا زەنجىۋىل، بۆلجۈرگەن، مۇچ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، باكتېرىيە ۋە ۋېروسلارنى يوقىتىپ، بەدەننى تەرلىتىپ، يەلنى ھەيدەپ، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان