كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ چىلانباغ ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى، 4 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى پەرىخە پەرھات مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگەندى. ئۇ ھەر يىلى ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى›› بولۇپ باھالاندى. ئۇ 2011 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاست بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرايلى›› تېمىسىدىكى ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىگە ئېرىشتى.
سۈرەتتە: پەرىخە (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن كىتاب ئوقۇماقتا.
ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى