باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئاجايىپ قورال – ياراقلار

      تانكىنى ئاپتوماتىك ئاتالايدىغان يېڭى تىپتىكى قورال ئەنگلىيەدىكى بىر شىركەت يېقىندا تانكىغا ئاپتوماتىك قارشى تۇرالايدىغان يېڭى تىپتىكى بىر خىل ‹‹لياۋشىلى›› ناملىق قورالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ قورال تانكىغا قارشى ئاددىي مىنالارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەپسىز يەر تۈزۈلۈشىدە 10 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نىشاننى كۆزىتەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرەلەيدۇ. بۇ خىل يېڭى قورالنىڭ تەننەرخى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، بىنالارنىڭ ئىچىگە ياكى بايقاش دائىرىسى تار بولغان ئاھالىلەر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق، ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئادەم كۈچى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش ۋە باشقۇرۇش ھاجەتسىز.

      يېڭى تىپتىكى ئاجايىپ مىلتىق گېرمانىيەنىڭ قورال لايىھەلەش ئىنژېنېرلىرى قۇلاق ئارقىلىق قارىغا ئېلىشقا بولىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى مىلتىقنى كەشىپ قىلغان. بۇ مىلتىقنىڭ ئىستۋولىغا ئىنفرا قىزىل نۇر قوبۇللىغۇچلۇق قارىغا ئېلىش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ قۇرۇلما نىشاندىن تارقالغان ئىنفرا قىزىل نۇرنى قوبۇل قىلغان ھامان ئاۋاز دولقۇنىغا ئۆزگەرتىپ، قارىغا ئالغۇچىنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىكەن. قارىغا ئالغۇچى بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى باسسىلا ئوق نىشانغا تېگىدىكەن. بۇ خىل مىلتىق كېچىلىك ئۇرۇش ۋە كۆرۈش شارائىتى ناچار ئەھۋالدا ئىشلىتىشكە ناھايىتى باپ كېلىدىكەن.

      قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئوق ئادەتتە ئوق ئاتقاندا ئوق بېشىنىڭ ئۇچۇپ بېرىپ كىشىلەرنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا بازىنىڭ ئارقىسىغا توپا ياكى قۇم دۆۋىلەپ قويۇلىدۇ. فىرانسىيەدە بۇ خىل ھادىسىدىن ساقلانغىلى ھەمدە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر خىل ئوقنى تەتقىق قىلىپ ياسالغان. بۇ خىل ئوققىمۇ ئوخشاشلا ئاددىي جەز ئىشلىتىلگەن، لېكىن ئۇنىڭغا يەل مىلتىق ئوقىنىڭ بېشى سەپلەنگەن. بۇ خىل ئوقنى ئېتىلدۇرۇشتا پىستاندىن پەيدا بولغان گاز بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدۇ.

      ئادەم قۇتقۇزالايدىغان ئوق يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق تېببىي ئالىملار ئادەم قۇتقۇزالايدىغان بىر خىل ئوقنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ خىل ئوقنىڭ ئىچىگە مىلتىق دورىسى ئەمەس، بەلكى تىنچلاندۇرۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش دورىسى قاچىلانغان، ئۇ ئادەم بەدىنىگە ئېتىلىپ كىرگەندىن كېيىن بەدەننى يارىلاندۇرمايمۇ دورىنى بەدەنگە تارقىتىدۇ. جەڭدە يارىدار بولسا ياكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچراپ، دوختۇرلار ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا بۇ خىل ئوقنى ئېتىپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىلىرى تاغ چوققىسىدا ياكى تاغ جىلغىلىرىدا يارىدار، كېسەل بولسا بۇ خىل ئوقنى ئېتىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالايدۇ.

      يوشۇرۇن ئاڭلىيالايدىغان ئوق بۇ خىل ئوقنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ئوققا ئوخشاپ كېتىدۇ، كالبىرى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر كېلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئىگە مىكرو ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلاردىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنال تارقاتقۇچ ۋە باتارېيە قاچىلانغان. بۇ ئوق نەچچە ئون مېتىر ئىچىدىكى گەپ – سۆز ۋە تىۋىشلارنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايدۇ. ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى رازۋېتكا قىلالايدۇ ھەمدە ئىگىلىگەن ئاخباراتلارنى تېز سۈرئەتتە تارقىتالايدۇ. بۇ خىل ئوق رازۋېتچىكلارنىڭ ئالدىدا بېرىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدۇ ۋە ئىلگىرىلەش يولىنى رازۋېتكا قىلالايدۇ. دۈشمەننىڭ سۆھبىتىنى يوشۇرۇنچە ئاڭلىيالايدۇ ھەم يوشۇرۇنغان ئەسكەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى بايقىيالايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر