باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

پۇل توغرىسىدا بالا بىلەن قانداق سۆزلىشىش كېرەك

      ئامېرىكىدا پۇل باشقۇرۇش تەربىيەسى ‹‹بەختلىك تۇرمۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى›› دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە ئۈچ ياشلاردىن باشلاپ، بالىغا بۇ ھەقتە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

      مۇتەخەسىسلەر بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان پۇل باشقۇرۇش تەربىيەسىنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

      7 ياشتىن بۇرۇن، بالىغا پۇلنىڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈڭ، يەنى بالا پۇلنى تونۇپ، پۇلغا نەرسە سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

      7 - 12 ياشقىچە، بالىغا بانكا ھېسابات نومۇرى ئېچىپ بېرىپ، بانكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرۈڭ، ئۆزىنىڭ ئىستېمال پىلانىنى تۈزۈپ باقسا بولىدۇ.

      13 - 18 ياشقىچە، ‹‹ئېھتىياجلىق›› بولغان نەرسە بىلەن ‹‹ياقتۇردۇم›› دېگەن نەرسىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشنى بىلىپ، پۇل ساقلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى، مەبلەغ سېلىشنى چۈشىنىشى كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان