باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

‹‹سۈنئىي ھاياتلىق››نىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد زور ئىكەن

      يېقىندا، ئامېرىكا گېن گۇرۇپپىسى ئىلمى بويىچە داڭلىق ئەرباب ۋېنتېر: ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ‹‹تۆت شېشە خىمىيەلىك ماددا››دىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ‹‹سۈنئىي ھۈجەيرە››سى ئۈچۈن، خىروموسوما لايىھەلىگەنلىكىنى، ئاندىن بۇ گېن ئۇچۇرلىرىنى باشقا بىر ئۆزگەرتىلگەن باكتېرىيە ھۈجەيرىسىگە كۆچۈرگەنلىكىنى، تەتقىقاتچىلارنىڭ 15 يىلغا سوزۇلغان تەتقىقات تۈرىدە، دۇنيا بويىچە تۇنجى ‹‹بىرىكمە ھۈجەيرە›› موگۇسىمان مىكوپلازما، دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئادەتتىكى بىر خىل مىكرو ئورگانىزم ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

      نۇرغۇن ئالىم ۋە پەيلاسوپ ۋېنتېر تەتقىقات ئورنىنىڭ بۇ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايەندە خاراكتېرلىك بۆسۈش، دەپ تەرىپلەشكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالىملار DNA بۆلىكىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ كەلدى ھەم ھەر خىل گېن قۇرۇلۇشى ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ھايۋانلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، ھالبۇكى مۇكەممەل ئورگانىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىقتىدارى كىشىلەرنى ھاياتلىقنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلدى. خىروموسومادىكى گېن ئىرسىيەت ئۇچۇرىنى ئېلىپ يۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ‹‹سۈنئىي ھاياتلىق›› تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىرسىيەت ئۇچۇرىنى ئېلىپ يۈرىدىغان ھاياتلىقنى يارىتالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋېنتېر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر مۇددىئاسىغا ئاساسەن، يېڭى جانلىقلارنى يارىتالايدۇ، كومپيۇتېردا ئىنسانلارنىڭ مۇددىئاسى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ، ‹‹ھاياتلىق زاۋۇتى››دا سۈنئىي ئورگانىزم، پاكىز ئېنېرگىيە شەكىللەندۈرەلەيدىغان باكتېرىيە ياكى ئاتموسفېرادىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد سۈمۈرەلەيدىغان باكتېرىيەلەر تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇنىڭدىن ماي سۈمۈرىدىغان باكتېرىيەلەرنى ياساپ، دېڭىزدا نېفىت ئېقىپ كېتىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان جانلىقلارنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەپچىقارغىلىمۇ بولىدۇ.

      ئەمما تەجرىبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنىلا نۇرغۇن كىشىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بەزىلەر مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسانلارنىڭ ‹‹ياراتقۇچى›› بولۇۋېلىشىغا بولمايدۇ، دېيىشتى؛ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بولسا تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈپ زور مىقداردىكى بىيوخىمىيەلىك قوراللارنى ياساشقا ئىشلىتىلىپ، تېررورلۇق تەھدىتى پەيدا قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشتى. يەنە بەزىلەر ۋېنتېر يېتىشتۈرۈۋاتقان ‹‹سۈنئىي ھاياتلىق››تا ئازراقلا خاتالىق كۆرۈلىدىكەن كونترول قىلغىلى بولمايدىغان غەلىتە جانلىقلارنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى زور، دېيىشتى.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىلون تېخنىكىسى، غول ھۈجەيرە تېخنىكىسى ۋە گېن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېتىكا ۋە ئەخلاق توغرىسىدىكى تالاشم - تارتىشلار ھازىرغىچە توختاپ قالمىدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان