باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى

(ئىلمىي ھېكايە)

ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل

      تارىم دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بۈك – باراقسان تەبىئىي توغراقزارلىقتا بۇغا، جەرەن، تۆگە، ئات قاتارلىق ھايۋانلار ۋە ھەر خىل قۇشلار ئىناق ياشايدىكەن. قۇتلۇق كۈنلەرگە كۆز تەگكەندەك ئۇلار ئارىسىغا ۋابا تارقىلىپ نۇرغۇن ھايۋان، ئۇچار قۇشلار ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇغا دوختۇر بىلەن شاتۇت سىستېرا شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ۋابا يۇقۇغان قوۋم – قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزالماپتۇ. ئۇلار ۋابانى تېزگىنلەش ئۈچۈن جەم بولۇپ بەس – مۇنازىرە قىپتۇ.

       — ماكانىمىزنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە مۇھىت بۇلغىنىپ كەتتى، — دەپتۇ تۆگە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، — شۇڭا ھەممىمىز شەخسىي تازىلىقىمىزغا ئەھمىيەت بەرگەندىن سىرت تېزەك، ئەخلەت – چاۋارلارنى كۆمۈپ، مىكرۇب ئۆلتۈرۈش دورىسى چېچىپ پاكىز مۇھىت بەرپا قىلايلى!

      — تۆگە ئاكام ئورۇنلۇق گەپ قىلدى، — دەپتۇ جەرەن قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، — ھەرقانداق كېسەل مەينەتچىلىكتىن كېلىدۇ. ئىنسانلارمۇ بەك ئەسكىلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئەخلەتلەرنى بۇ يەرگە تۆكۈپ، ئورمانلىقلارنى قالايمىقان كېسىپ گۈزەل، ئاسايىشلىق ماكانىمىزنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يەرگە ئەخلەت تۆكسە ھەممەيلەن بىرلىكتە قارشى تۇرايلى!

      — سۆزۈڭلار توغرا، بىراق تازىلىق بىلەنلا بولۇپ ۋابا تەگكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن كارىمىز بولمىسا بولماس— دەپتۇ بۇغا دوختۇر.

      — ئۇلارنى ساقايتىشقا قۇربىم يەتمىدى، شۇڭا قوشنا ئورمانلىقتىكى ھوۋقۇش دوختۇرنى ياردەمگە چاقىرساق دەيمەن.

      — ئەمىسە بىر ياقتىن تازىلىق قىلىپ يەنە بىر ياقتىن قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنايلى!

      — شۇنداق قىلايلى!

ئەتىسى بۇغا بىلەن شاتۇت قوشنا ئورمانلىققا بېرىپ ھوۋقۇش دوختۇرنى چاقىرىپ كەپتۇ. ھوۋقۇش مەخپىي رېتسىپ بىلەن ۋابا تەگكەن جان – جانىۋارلارنى ساقايتىپتۇ ھەم ئۇلارغا سالامەتلىك توغرۇلۇق نۇرغۇن بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

      — ھوۋقۇش تاغا، شەخسىي تازىلىق، يېمەك – ئىچمەك ۋە مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىسەك ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالدۇق، — دەپتۇ ئاق قۇشقاچ ۋىچىرلاپ، — بىراق بەزىلىرىمىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەك بەزىلىرىمىز ياپياشلا ئۆلۈپ كېتىدىكەنمىز، ھەربىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز.

      — ياخشى گەپ بولدى، شۇنداق قىلىڭا!

      ھوۋقۇش بىر توغراق كۆتىكىگە ئولتۇرۇپ سالماق ئاۋازدا سۆز باشلاپتۇ:

— بىيولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى تەن شەكلى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ قېتىم سانىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدىكەن. چاشقان، شەپەرەڭ قاتارلىق كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار يېرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن. توخۇ، مايمۇننىڭ ئۆمرى 14 يىل، توشقاننىڭ 15 يىل، مۈشۈكنىڭ 18 يىل، ئىت ۋە قوينىڭ 20 يىل، بۇغا، جەرەنلەرنىڭ ئۇنىڭدىن سەل ئۇزۇن بولىدىكەن. تۆگە، ئات، كالا 30 يىلدىن 40 يىلغىچە، شاتۇتى، قۇشقاچلار 20 يىلدىن 50 يىلغىچە، كىت ۋە پىللار 100 يىلدىن 150 يىلغىچە، تىمساھ 200 يىل، تاشپاقا 300، 400 يىل ياشىيالايدىكەن.

      ئازراق دېمىنى ئېلىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ:

      — ھايۋانلارنىڭ تەن شەكلى ئۆمرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تېنى قانچە چوڭ بولسا ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدىكەن، ئەكسىچە بولغاندا ئۆمرى قىسقا بولىدىكەن.

      — تاشپاقا پىلدىن نەچچە يۈز ھەسسە كىچىك تۇرسا ئۇ ئەجەب پىلدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەنغۇ؟ — دەپتۇ توشقان ئىشەنمىگەندەك.

      — بۇ خىل قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار، ئەمما مۇكەممەل ئەمەس، چۈنكى تاشپاقا كىت، پىلدىن ناھايىتى كىچىك. ئەمما ئۆمرى پىلنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۈچ – تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئالىملار بۇ خىل ھادىسىنى يۈرەك سوقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان. يەنى ھايۋانلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى تەتۈر تاناسىپ بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەلۇم ھايۋاننىڭ يۈرەك ئىقتىدارى قانچە كۈچلۈك بولسا بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى، ماددا ئالمىشىشى شۇنچە ئاز بولۇپ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدىكەن، ئەكسىچە بولغاندا قىسقا بولىدىكەن. تاشپاقا كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان سوغۇق قانلىق ھايۋان بولۇپ يۈرىكى مىنۇتىغا نەچچە قېتىم سوقىدىكەن. شۇڭا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. پىلنىڭ ھەر مىنۇتلۇق يۈرەك سوقۇشى 20 قېتىمدىن ئارتۇق بولىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا پىلنىڭ يۈرىكى بىر يىلدا 10 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق سوقىدىكەن. شۇڭا پىلنىڭ ئۆمرى تاشپاقىدىن 200، 300 يىل قىسقا بولىدىكەن.

      — قۇشقاچ بولۇپ قالغۇچە تاشپاقا بولۇپ ئۇزۇنراق ياشىسامچۇ!— دەپتۇ ئاق قۇشقاچ ئۇھسىنىپ.

      — كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، تاشپاقىدەك 300 يىل ياشىغاندىن سەندەك 20 نەچچە يىل مەنىلىك ياشىغان ئەۋزەل. سەن دەل – دەرەخ، زىرائەتلەردىكى زىيانداشلارنى يوقىتىپ ئىنسانلارغا تۆھپە قوشىسەن، تەبىئەتنىڭ پاكىزلىقىنى قوغدايسەن. شۇڭا، سېنىڭ ھاياتىڭ قىسقا بولسىمۇ مەنىلىك ھايات. بۇنىڭدىن پەخىرلەنسەڭ بولىدۇ.

      ئاق قۇشقاچ ھوۋقۇش دوختۇرنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ يېقىملىق سايراپ كېتىپتۇ.

(ئاپتور كەلپىن ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مىھراي