10 - سېنتەبىر قاغىلىق ناھيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۇمىتى كۇئېنلۇن كىنو - تىياتىرخانىسىدا 28 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 120 نەپەر ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، 36 نەپەر ‹‹مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچى››نى مۇكاپاتلىدى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا، 1 -، 2 - باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كىچىك سەنئەتكارلار شۇخ شادىيانە ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
مۇساجان ياسىن خەۋىرى، فوتوسى