باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ش ئۇ ئا ر بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىدە يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقىنىڭ ئارقىسىدا...

      مائارىپ جەھەتتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

      سۈن خۇڭشىن ماڭا مۇنداق بىر نەچچە گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى ئېيتىپ بەردى: 2010 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 164 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، 118 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئارزۇسىغا يەتتى، ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %71.77كە يەتتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى پىلان سانى، ئومۇمىي قوبۇل قىلىش نىسبىتى ۋە تولۇق كۇرس قاتلىمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبەت كۆرسەتكۈچىدە يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىپ، ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 8 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ 2011 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 147 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، جەمئىي 114 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %77.21كە يەتتى.

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 1300دىن كۆپرەك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 2012 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن پىلان بويىچە 123 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، پىلان بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بۇلتۇرقىدىن 4000 نەپەردىن كۆپرەك كۆپەيدى.

      سۈن خۇڭشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. دۆلەت بۇ يىل نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلانىنى يولغا قويدى؛ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى، خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا مەخسۇس تۈر پىلانى تۇرغۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا شىنجاڭدىن نامرات ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلان سانىنى كۆپەيتتى.

      بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئارقىسىدا بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى مۇقىم ئاساستا ئۆرلىدى ھەم مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئازراق ئاشتى. بۇ يىلقى تولۇق كۇرسنىڭ 1 - تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىشى بىلەنلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 311 ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنىڭ ئىچىدىكى 121 ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كۆپەيتتى، ئارخىپ يوللاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

      كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

      سۈن خۇڭشىن: پاراللېل ئارزۇ، توردا ئارزۇ تولدۇرۇش قاتارلىقلار بۇ يىل يولغا قويۇلغان بىر نەچچە خىل ئىسلاھات تەدبىرى بولۇپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ يەنە يېڭى رېكورت يارىتىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، دېدى.

      پاراللېل ئارزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۇچرايدىغان خەتىرىنى ئازايتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بۇ يىل يۇقىرى نومۇر ئالسىمۇ ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىنماسلىق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئازايغان. بۇلتۇر تۇنجى قېتىم 1 - تۈركۈمدە پاراللېل ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تەبىئىي پەنلەردە 600 نومۇردىن يۇقىرى، ئىجتىمائىي پەنلەردە 580 نومۇردىن يۇقىرى ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن 30 نەچچىسىلا ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىنالمىدى، بۇ يىل مۇشۇ دائىرىدە ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىدىن بىرسىلا چىقتى.

      ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى مەسىلىنى ئاقىلانىلىك بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك

       ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشتى. كېلەر يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي نىسبىتىدە قانداق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ؟ بۇ، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلىشكە تەقەززا بولۇۋاتقان زۆرۈر مەسىلە.

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2011 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بولۇپ، شۇ يىلقى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تولۇق 3 - يىللىقنى تەكرار ئوقۇغان ئوقۇغۇچى زور دەرىجىدە ئازايغان، بۇنىڭ بىلەن 2011 - يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 2010 -يىلىدىكىدىن 15 مىڭ نەپەر ئازايغان. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 154 مىڭ 700دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، تىزىمغا ئالدۇرغانلار 7000 نەپەردىن كۆپرەك كۆپەيدى. سۈن خۇڭشىن: بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا كۆپىيىشى نورمال ھادىسە، ئاساسىي مائارىپ تارماقلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى يەنە ئازراق كۆپىيىدىكەن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى سانى جەھەتتە مۇقىم ئاساستا كۆپىيىدىكەن، دېدى.

      سۈن خۇڭشىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ يىلسېرى ئاشقانلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ماكرولۇق تەڭشىشىگە ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىدا، مائارىپ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدۇ، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ مۇقىملىشىدىغانلىقى، زور دەرىجىدە ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      سۈن خۇڭشىن يەنە مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق تولۇق كۇرسنىڭ 1 - تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش چەكلىك بولىدۇ. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بېسىمىنى ئومۇميۈزلۈك يەڭگىللەتكەن بولسىمۇ، بىراق ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش بېسىمى يەنىلا گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ توغرا تونۇپ، مەسىلىگە ئوبيېكتىپ، تەمكىن ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر