باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا سورۇن كېرەك

      مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق رىئاللىشىدۇ. مەكتەپ خىزمەت نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجرا قىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە باغلىق. مائارىپ خىزمىتىنىڭ مەركىزىدە ئوقۇتقۇچى تۇرىدىغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسى ۋە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش مائارىپىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىدۇر.

      جىسمانىي ۋە پىسخىك بېسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، قەرەللىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلارنى ساغلام خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش، ئوقۇتقۇچىلارغا بەلگىلىك چېنىقىش سورۇنى ۋە ئەسلىھەلىرى ھازىرلاپ بېرىش ھازىرقى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

      ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش-تەربىيەلەش ساپاسى تۇغما ئەمەس، بۇنداق ساپا داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا يۈكسىلىدۇ. مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كوللىكتىپ ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىشى، ئۇلارنى ھازىرقى زامان ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ۋە ئوقۇتۇش - تەربىيەلەش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشى كېرەك.

      ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن رېئاللىشىدۇ. ئىناق خىزمەت مۇھىتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتە يۈكسىلىشىگە پايدىلىق. مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سورۇنىنى بىرگە خىزمەت قىلىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ‹‹ئىللىق ماكان››غا ئايلاندۇرۇشى لازىم.

      دەرسخانا ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم سورۇن، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتا مول تەجرىبىگە ئىگە. تەجرىبىلەردىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنىڭ ئاچقۇچى دەرسخانا مۇھىتىنى ياخشىلاشتۇر.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر