باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

مۇنبەر ۋە ھايات

      ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مېھرىبان ئۇستازلارغا تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان كۈن. ساۋاقداشلار، سىلەر ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭلاردا قانداق ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچراتتىڭلار؟ سىلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىڭلار ئارىسىدا قانداق ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر بولغان؟

      80 – يىللاردىن كېيىنكىلەرگە ياش ئايال ئوقۇتقۇچى جاڭ لىلىنىڭ ئىسمى ناتونۇش بولمىسا كېرەك. جاڭ لىلى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى جامۇس شەھەرلىك 19 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 – يىللىق 3 – سىنىپنىڭ مۇدىرى. ئۇ سىنىپىدىكى 53 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرايدۇ، غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت بولغاچقا ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالىغان، كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئاپتوموبىل ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ كەلگەندە ئۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئىتتىرىۋېتىپ ئۆزىنىڭ بەدىنى بىلەن ئۇلارنى قوغداپ قالغان.

      جاڭ لىلىنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا باشقىلارنى قۇتقۇزغان ئىش ئىزلىرى بىزگە يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يارقىن ئوبرازىنى تىكلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، كىشىلەر ھەرخىل شەكىللەر بىلەن بۇ ‹‹ئەڭ گۈزەل ئايال ئوقۇتقۇچى››غا بەخت تىلىدى.

      ئەتراپىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا جاڭ لىلىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بار. ئۇلار ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، يول كۆرسەتكۈچى ماياك، ئۇلار مىسلىسىز مېھىر نۇرىدا مۇنبەرنى يورۇتۇپ مەسئۇلىيىتى ئارقىلىق خىزمەت ئورنىنى ئىزاھلايدۇ. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ يېزا رايونلىرى، كەنتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ساددا گەپ – سۆزلىرى، سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن ئۈچ چى ئۇزۇنلۇقتىكى مۇنبەردە كەنت بالىلىرىغا بولغان چەكسىز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا شەھەر ۋە يېزىلاردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى سۆيۈپ كەسپىنى قەدىرلەش، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشتەك يۈكسەك كەسىپچانلىقىدىن، مۇنبەردىكى ئالىيجاناب تۆھپە قوشۇش روھىدىن ئۆگىنەيلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر