باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى

      مېۋە – چېۋىلەر: مېۋە – چېۋىلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بولۇپ، پېلەكلىك مېۋە – چېۋە تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، تاۋۇزنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا، باناننىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ. تاماق ئارىلىقىدا قورساق ئېچىپ كەتسە بانان ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

      كۆكتاتلار: كۆكتاتلارنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئىككى سائەتكىچە بولۇپ، پېلەكلىك كۆكتات تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن، تەكىيە كاۋىنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا، پېدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ، مەسىلەن، پەمىدۇر، پېدىگەننىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا، يوپۇرماقلىق تۈرىدىكى كۆكتاتلار بىلەن كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسى تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدۇ. يىلتىزسىمان غوللۇق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا، يىلتىزسىمان غوللۇق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ. ھەزىم قىلىشى ناچارلار چېچەكسەينى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، سۇدا پىشۇرۇپ يېيىش لازىم.

      دانلىق زىرائەتلەر: دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى بىر يېرىم سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە بولۇپ، سۇيۇق ياكى يېرىم سۇيۇق دانلىق زىرائەت تامىقىنىڭ، مەسىلەن، ئۇماچنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولىدۇ. ئېچىتىلغان، ئەمما ماي قوشۇلمىغان يېمەكلىكلەرمۇ، مەسىلەن، مانتا بىرقەدەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ. شۇڭا، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلار ئۇماچ، مانتا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بىرقەدەر مۇۋاپىق. بىراق، ئۇلارغا ماي قوشۇلسا ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.

      ئاقسىل تۈرىدىكىلەر: ئاقسىل تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى بىر يېرىم سائەتتىن تۆت سائەتكىچە بولۇپ، سۈت، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق سۇيۇق ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كالا، توخۇ گۆشى قاتارلىق ئاقسىل مول بولغان گۆش تۈرىدىكىلەرنى پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىشقا تۆت سائەت، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.

      ماي تۈرىدىكىلەر: ماي تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن تۆت سائەتكىچە بولۇپ، مايلارنىڭ ھەزىم بولۇشى ئۇلاردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ياغ كىسلاتاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياغ كىسلاتالىرىنىڭ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ياغ بىلەن دانلىق زىرائەتلەرنى ياكى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، مايلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى بىرقەدەر كەينىگە سۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ماي كۆپرەك بولغان ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن كۆكتاتلار ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر