باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹كارۋان يېتىلەش›› ئويۇنى

      ‹‹كارۋان يېتىلەش›› ئويۇنى ‹‹تۇلۇق تاش›› ئويۇنى، ‹‹تاختا›› ئويۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە كۈز، قىش، ئەتىياز مەزگىللىرىدە يول ۋە مەيدانلاردا ئوغۇللار ئوينايدۇ. ئويۇننىڭ ئىسمىدىكى ‹‹كارۋان›› سۆزى ۋە ئويۇندا ئىشلىتىلدىغان ئويۇنچۇقلارنى ياساشتا لازىم بولىدىغان پىششىق خىش، ياغاچ تاختا، شوينا قاتارلىقلار ئۇنىڭ قاچان، قەيەردە، كىملەر تەرىپىدىن، قانداق ئەھۋالدا، نېمە سەۋەبتىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ئاز ــ تولا دەلىللەپ بېرەلەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئويۇننىڭ قاتناشقۇچىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەجدادى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان يىپەك يولنىڭ مەركىزى دەپ سانىلىدىغان سانىلىدىغان بۇ ئالتۇن دىياردا ياشىغاچقا، دۇنيا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەڭگۈ ئۆچمەس ‹‹يىپەك يولى مەدەنىيىتى››نى ياراتقان. چوڭلارنىڭ كارۋان يېتىلەشتەك ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى قىزىقىش قوزغاپ، ‹‹كارۋان›› يېتىلەش ئويۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ھەيدەكچىلىك رول ئوينىغان. 

      ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە يارىشا پىششىق خىش ياكى شۇ شەكىللىك ياغاچ تاختىلاردا بىرنەچچىدىن ئويۇنچۇق تەييارلايدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: ئاۋۋال بىسلىق سايمانلاردا يونۇش ئارقىلىق پىششىق خىشنىڭ ئوتتۇرىسى ئويۇلىدۇ، ئاندىن باش ـ ئايىغى بەلگىلىنىپ، باش تەرىپىدىن تۆشۈك ئېچىلىدۇ. ياغاچ تاختىمۇ چاسىلىنىپ، ئۇنىڭ يۈزى ئويۇلسىمۇ ياكى تۆت ئەتراپىغا ياغاچ چەسۋەك مىخلانسىمۇ بولىدۇ. خىش ياكى تاختاينىڭ يەرگە تېگىدىغان يۈزى ئالاھىدە سىلىقلاشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە ئويۇنچۇقلارنى ئارقىمۇئارقا چېتىش يەككە سۆرەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا شوينا تەييارلىنىدۇ. ئويۇنچۇقتىن بىرنەچچىنى ياسىيالىغانلار 10 ــ 15 سانتىمېتىر يىپقا بىر ــ بىرىگە چاتىدۇ.

      بۇ تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، بالىلار ئۆزئارا ياكى بىرنەچچە بالىدىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپىلار ئارا بەلگىلىك ئارىلىققا كارۋان يېتىلەپ بېرىپ ــ كېلىش مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ. تەلەپ شۇكى، مۇسابىقىلىشىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئويۇنچۇق سانى مۇمكىنقەدەر تەڭ بولۇپلا قالماي، بېسىلغان يۈكمۇ باراۋەر بولۇشى، ئويۇن كۆرسىتىۋاتقانلار باش بېكەتتىن تەڭ چىقىشى، يول يۈرۈش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ تەرتىپلىك مېڭىشى، يۈگۈرمەسلىكى، ئويۇنچۇقلارنى كۆتۈرۈۋالماسلىقى، بىر ــ بىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە كاشىلا بولماسلىقى، ئاخىرقى نىشانغا بارماي تۇرۇپ يانماسلىقى، ئويۇنچۇقنىڭ ياسىلىش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى، نىشانغا تېز بېرىپ، چاققان قايتىپ كېلىشى كېرەك.

      بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق ‹‹يىپەك يولى مەدەنىيىتى›› ۋە بۇ جەھەتتە كارۋانلارنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇزۇن ـ قىسقا يول يۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەرخىل ‹‹كارۋان›› ئويۇنچۇقلىرىنى ياساپ زېھنىنى ئۆستۈرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر