باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قورساق ئاچقاندا يىيىشكە بولمايدىغان 11 يېمەكلىك

      1. ئاق تاتلىق ياڭيۇ. ئاق تاتلىق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە تاننىن ۋە يېلىم بولۇپ، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئىشلەپ چىقىرىپ، مەيدىنى ئېچىشتۇرىدۇ.

      2. ئەبنۇس. ئەبنۇسنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پېكتىن، تانزا بولۇپ، بۇ ماددىلار بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن خېمىيىلىك رىئاكسىيەلىشىپ، تەستە ئېرىيدىغان گېلنى ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاندا ئاسان تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

      3. سۈت. سۈتنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپ، ئاچ قوساققا ئىچكەندە، ئاقسىل مەجبۇرى ھالدا ئىسسىقلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ - دە، قۇۋەت تولۇقلىيالمايدۇ. توغرا ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى، سۈتنى پىرەنىك قاتارلىق ئۇن يېمەكلىك بىلەن ئىچىش كېرەك ياكى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ۋە ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىش لازىم.

      4. كەمپۈت. كەمپۈت بىر خىل ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا كەمپۈت يىگەندە، ئادەم بەدىنى قىسقا ۋاقىتتا يېتەرلىك ئىسۇلىن چىقىرالماي قالىدۇ - دە، قان شېكىرىنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلىيالماي، قاندىكى ئىنسۇلىن بىردىنلا ئۆرلەپ، ئاسان كۆز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە كەمپۈت كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ، ئاچ قورساققا كەمپۈت يېگەندە، بەدەندىكى كىسلاتا ئىشقار ۋە مىكرو ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

      5. سوغۇق ئىچىملىك. ئاچ قورساققا ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى غىدىقلاپ، تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق داۋاملاشسا ھەر خىل ئېنزىمنىڭ خىمىيلىك رىئاكسىيىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      6. ئاپېلىسىن. ئاپېلىسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى، دولانە كىسلاتاسى لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاچ قورساققا يېگەندە ئاشقازاندىكى كىسلاتانىڭ كۆپ مىقداردا ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ ئاشقازان شىللىق پەردىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كۆپۈش، كېكىرىش ۋە كىسلاتالىق سۇ ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      7. دولانە. دولانىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا، مېۋە كىسلاتاسى، دولانە كىسلاتاسى بولۇپ، ئاچ قورساققا يېگەندە ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

      8. قېتىق. قېتىقنى قورساققا ئىچكەندە، قېتىقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولى ئاجىزلايدۇ، تاماق يەپ ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يېگەندە، ھەم تەملىك ھەم ساقلىقنى ساقلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

      9. بانان. بانان تەركىبىدە ئاز مىقداردا ماگېنې ئېلېمېنىتى بولۇپ، ئاچ قورساققا يېگەندە، بەدەندىكى ماگېنېنىڭ ئېشىپ، قاندىكى ماگېنىي ۋە كالتسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقنى بۇزۇپ، قان تومۇرنىڭ تورمۇزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      10. پۇرچاق سۈتى. پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپ، ئاقسىل مەجبۇرى ھالدا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئايلىنىپ، قۇۋۋەت بولۇشتەك رولىنى جارىي قىلدۇرالمايدۇ. توغرا ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى، پىرەنىك، بولكا قاتارلىق ئۇن يېمەكلىك بىلەن ئىچىش كېرەك ياكى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كىيىن ۋە ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىش لازىم.

      11. پەمىدۇر. پەمىدۇر تەركىبىدە ئاز مىقداردا پېكتىن، تاننىن كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن خىمىيلىك رىئاكسىيىلىشىپ، تەستە ئېرىيدىغان گېلنى ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاندا ئاسان تاش پەيدا قىلىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان