باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

ئىگىرنىڭ شىپالىق رولى

      ئىگىرنى چايناپ بەرسە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، تىلى ئېغىر بالىلارنىڭ تىلىنى تېز چىقىرىدۇ.

      ئىگىردە قاينىتىلغان سۇ ئىچىپ بېرىلسە، يەلدىن بولغان قورساق ئاغرىقىنى دەرھال توختىتىدۇ. زەھەر قايتۇرىدۇ، يەل ھەيدەپ توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، باش، كۆكرەك ئاغرىقلىرىنى توختىتىدۇ.

      يېڭى ئىگىرنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىدۇ، قاننى، بەدەننى تازىلايدۇ، سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىدۇ.

      ئىگىرنى سوقۇپ بەدەنگە چاپسا پالەچ، پەي تارتىشىپ قېلىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

      ئىگىرنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ بەدەنگە تاڭسا بۇغۇملارنىڭ ئىششىپ ئاغرىشىغا شىپا بولىدۇ.

      ھۆل ئىگىرنى سىيادان بىلەن مەلھەم قىلىپ ئاق كېسەلگە چاپسا ئوبدان ئۈنۈم بېرىدۇ.

      ئىگىرنى سوقۇپ سامساق بىلەن مەلھەم قىلىپ ھاشارەت چاققان ئورۇنغا چاپسا ھاشارەت زەھىرى يانىدۇ.

      ئىگىرنى دەملەپ ئىچىش ياشانغان سوغۇق مىجەز كىشىلەر ئۈچۈن مىجەزنى تەڭشەپ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئۆتەيدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان