باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ناتونۇش تېلېفون

      فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ياپونىيەلىك بىر ئوقۇغۇچى بىركىچىك ياتاق بىناسىنىڭ 2 – قەۋىتىدە تۇرىدىكەن. پۈتۈن بىر ياتاق بىناسىنىڭ 1 – قەۋىتىدە پەقەت بىرلا تېلېفون بولۇپ، باشقۇرغۇچى خادىم بۇ تېلېفونغا كەلگەن تېلېفونلارنى ئېلىشقا مەسئۇل ئىكەن.

      بىر كۈنى ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچى ياتىقىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغاندا، 1 – قەۋەتتىكى تېلېفون تۇيۇقسىزلا سايراپ كېتىپتۇ. ئۇ باشقۇرغۇچى خادىمنى تېلېفوننى ئالىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. بىراق، تېلېفون توختىماي سايراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز پەسكە چۈشۈپ تېلېفوننى ئېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئەسلىدە باشقۇرغۇچى خادىم سىرتقا چىقىپ كەتكەنىكەن. ئۇ تېلېفوننى قوپاللا ئاپتۇ، قارشى تەرەپ ئانچە ئۆلچەملىك بولمىغان فىرانسوز تىلى بىلەن: ‹‹ياخشىمۇسىز! بۇ چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىمۇ؟››. ‹‹– ھەئە، شۇنداق››. قارشى تەرەپ: ‹‹مەن ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلاماتىيە خادىمى. كېلەر ھەپتە مەن ياپونىيەگە خىزمەتكە بارماقچى ئىدىم، سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ئىنگلىز تىلىغا پۇختا ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچى بارمۇ؟››. ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىپتۇ ۋە باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ ئاھاڭىنى دوراپ: ‹‹مەن سىزگە بۇ يەردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىنى تونۇشتۇراي›› دەپتۇ ۋە قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلىۋاپتۇ. ئەتىسى ئۇ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپتۇ.

      ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچى مۇشۇ قېتىملىق تەرجىمانلىق قىلىش ۋەزىپىسى بىلەن ئويلىمىغان يەردىن دىپلوماتىيە خىزمىتى يولىغا مېڭىپ قاپتۇ.

      ھېكمەت: تۇرمۇشىمىزدا كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ دائىرىسىدىن سىرت ئىشلارنى قىلىشنى بىرئازمۇ ياقتۇرمايدۇ، بىراق نەتىجىدە نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كېتىدۇ. مەيلى قايسى يەردە بولۇڭ، ئازراق ئىش قىلىپ قويۇڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ھايات يولىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىڭىزنى كۆپەيتىدۇ، خۇددى بىر ناتونۇش تېلېفوننى ئالغانغا ئوخشاش.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر