باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

دۇنيادىكى ئەك ئېغىر بۇلغىنىشلار

      1. نېفىت ئېقىپ كېتىش

      مېكسىكا قولتۇقىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان زىيان ئىنتايىن ئېغىز بولغان. قۇشلار، بېلىقلار ۋە دېڭىز – ئوكيان جانلىقلىرى پۈتۈنلەي نابۇت بولۇپ ئېكولوگىيەلىك سىستېما نەچچە ئون يىلدا ئاران ئەسلىگە كېلەلىگۈدەك ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان.

      2. ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى

      دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر يىلى 2 مىليون 400 مىڭ ئادەم ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. لوس – ئانجېلېس، بومباي، قاھىرە ۋە بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ھاۋانىڭ سۈپىتى ناھايىتى ناچار ئىكەن. ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى كىشىلەرنىڭ ئۆپكە ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

      3. سىمابتىن زەھەرلىنىش

      سىمابتىن زەھەرلىنىشنى كۆپىنچە ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن قېزىش، سېمونت ئىشلەپچىقىرىش، پولات تاۋلاش ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىمۇ سىمابتىن زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدىكەن. سىمابتىن مۇھىت بۇلغانغاندا ئاساسەن تۇپراق، سۇ ۋە ئاتموسفېرادىكى سىماب مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار سىمابتىن زەھەرلىنىدىكەن. سىمابتىن زەھەرلەنگەندە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، چاچ چۈشۈش، چىش ۋە تىرناقلار بوشاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

      4. دورىدىن بۇلغىنىش

      كېرەكسىز دورىلار يەنى ۋاقتى ئۆتكەن، تاشلىۋېتىلگەن دورىلار بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. چۈنكى، بۇ كېرەكسىز دورىلار تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن تۇپراققا سىڭىپ، ئاخىرقى ھېسابتا سۇغا قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل بۇلغىنىش پەۋقۇلئاددە باكتېرىيەلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

      5. سۇلياۋدىن بۇلغىنىش

كۆپلىگەن سۇلياۋ ماتېرىياللار ناھايىتى زەھەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىكى پولىۋىنىل خلورىد (CVP) بولسا بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەتتا يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن. سۇلياۋنىڭ تولۇق پارچىلىنىپ بولۇشىغا نەچچە يۈز يىل ھەتتا نەچچە مىڭ يىل كېتىدىكەن. شۇڭا، سۇلياۋ بۇيۇملارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىشتىن چىققان مەسىلىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

      6. قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش

      قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئادەمنىڭ يۈرەك، بۆرەك، نېرۋا سىستېمىسى، كۆپىيىش سىستېمىسى، سۆڭەك ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئورگانىزىملىرىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن. بولۇپمۇ ئۆسمۈر – بالىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر