باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي

      قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى تەلىم - تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. كىشىلەر قائىدە - يوسۇنلۇق كىشىنى تەربىيە كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق دەپ تەرىپلىسە، قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان كىشىنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق، دەپ داتلايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئېسىل قائىدە - يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىدىكى بىر شەرت، دەپ قارالغاچقا، ھەربىر ئىشنىڭ قائىدە - يوسۇندىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگەتمىسە ئاۋام تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، قائىدە - يوسۇن بىلمەيدىغان پەرزەنتلەرمۇ جامائەت ئارىسىدا قارشى ئېلىنمايدۇ. قائىدە - يوسۇن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئەل - يۇرتقا نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ. قائىدە - يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى ئەل - يۇرتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قائىدە - يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئۇ چاغدا گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

      مۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى تائامدەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، قائىدە - يوسۇن تەربىيەسىنى قانداق بەرگۈلۈك؟ بىرىنچىدىن، كىچىكىدىن باشلاپلا بەرگۈلۈك. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتلەشكەن قائىدە - يوسۇنلارنىڭ بۇلىقى. بۇ ‹‹بۇلاق›› پەرزەنتلەر قائىدە - يوسۇننى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن. پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى تېز بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغۇلۇق. پەرزەنتلەردە ئۆسۈپ - يېتىلىش مەزگىلىدە دوراش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى تەبىئىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ % 40نىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قائىدە - يوسۇنلۇق بولغىنى تۈزۈك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي بولغۇلۇق. تەربىيەدە ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەپ بۇيرۇق بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا قائىدە - يوسۇنلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنداق چاغلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇننى ئىما - ئىشارەت بىلەن، ئۆيگە قايتقاندا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىلدۈرگۈلۈك. شۇنداق قىلىپمۇ قائىدە - يوسۇن تەربىيەسىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر