باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

بالىلار ساغلام تور مۇھىتىغا موھتاج

قۇربانجان توختى ئازىق

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تورغا بېرىلىپ كەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پات ــ پات قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدىغان بولدى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بالىلارنى توردىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىنكاس ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلدى. بۇ ئىش جىددىي ئويلىنىشقا ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

      ياش – ئۆسمۈرلەر يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىدۇ ھەم تېزلا قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەچكە ئىشنىڭ ئالدى – كەينىنى ئويلىمايلا شۇ ئىشقا باشچىلاپ كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن زېھنى، ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلىدۇ. تور دۇنياسى گەرچە ياش – ئۆسمۈرلەرگە بەزى بىلىملەرنى، پايدىلىنىش مەنبەلىرىنى ئاتا قىلسىمۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلەپ بىخۇدلۇق قوينىغا سۆرەپ كىرىدۇ.

      بالىلاردا يەنە مۇنداق بىر خاتا چۈشەنچە بار. ئۇ بولسىمۇ تور بىلىملىرىنى كۆپ بىلگەن بالىلار ئەقىللىق، تورغا چىقالمايدىغان بالىلار ھاماقەت، دەۋر كەينىدە قالغان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى بالىلار ئىنتېرنېتقا مەھكەم باغلىنىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە توردىن پايدىلىنىپ دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش پايدىلىق ئىش. ئەمما، بالىلارنىڭ توردىن ناچار خاھىشلارنى يۇقتۇرۇۋېلىشى، ئوي – پىكىرىنىڭ بۆلۈنۈشى، چېكىنىشى يەنىلا مەۋجۇت.

      ئاتا – ئانىلار مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ بالىلارغا قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشى، قايمۇقۇپ قالغان، بىر تەرەپ قىلالمىغان مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. مەكتەپلەر مەدەنىيەت ئۆيلىرىنى قۇرۇپ، بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنى ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە كۆپلەپ قاتناشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇشى لازىم. ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلارنى ھە دېسىلا ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقى، توردا ئويۇن ئوينىشىغا يول قويماسلىقى، دەم ئېلىش، بايرام، تەتىل مەزگىللىرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرمۇ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ توردىن زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇليىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. قىسمەن تورخانىلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخانىغا كىرىشىگە يول قويغاندىن سىرت ئۇلارنىڭ قانداق ئويۇن ئوينىشى، قانداق نەرسىلەرنى كۆرۈشى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە تورخانا غوجايىنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخانىغا كىرىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە ئوقۇش يېشىدىكى ياشلارنىڭ تورخانىدىكى مۇلازىمەت ئەھۋالىغا مۇئەييەن چەك قويۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام تور مۇھىتىدا پائالىيەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. شۇندىلا بالىلارنى تورنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇلارنىڭ ساغلام مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مىھراي