باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئىنسانلار ۋە تەبىئەت

      ئىلگىرى ئاسمان كۆپكۆك، ئېرىقتىكى سۇلار سۈپسۈزۈك، ئورمانلىقلار بۈك – باراقسان ئىدى. ئەپسۇس، تەبىئەت ئىنسانلارغا گۈزەللىك ئېلىپ كەلسە ئىنسانلار تەبىئەتكە توختىماستىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىدىن بەھرە ئېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە مۇھىت بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ گۈزەل تونىنى رەھىمسىزلەرچە يىرتىپ تاشلاپ، گۈزەل رۇخسارىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋاتىدۇ.

      ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. بىر تال باتارىيە، بىر تال سۇلياۋ خالتىنى تىرىۋالساق بىر پارچە يەرنى پاكىزلىيالايمىز، بىر چاقىرىق بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى مۇھىت ئاسراش ئەترىتىمىزگە قوشۇۋالالايمىز. بىز ھازىردىن باشلاپ سۇنى، قەغەزنى تېجەپ ئىشلىتەيلى، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ئاق رەڭلىك بۇلغانغان ماددىلاردىن يىراق تۇرايلى، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا كۆپرەك ئولتۇرايلى، كۆچەت تىكەيلى، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغدايلى، چۆپلەر تېخىمۇ يېشىل، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولسۇن، قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئەتراپقا تارالسۇن!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر