باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

قارا قېرىن قۇلاق تۇخۇم قورۇمىسى

      ئاساسىي ماتېرىيالى: موئېر، تۇخۇم (ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن).

      قوشۇمچە ماتېرىياللار: غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كۈنجۈت يېغى، كاۋاۋىچىن، تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى.

      تەييارلاش ئۇسۇلى: موئېرنى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىمىز، تۇخۇمنى پۇشۇرۇپ شاكىلىدىن ئايرىپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئاي شەكىلدە توغراپ تەييارلايمىز، غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغرايمىز.

      قازانغا مۇۋاپىق ماي قۇيۇپ ماي بوش قىزىغاندا كاۋاۋىچىننى سېلىپ پۇراق چىققاندا كاۋاۋىچىننى سۈزىۋىتىپ زەنجىۋىل، سامساق، غولپىيازنى سېلىپ قورۇپ خۇشپۇراق چىققاندا موئېر بىلەن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سېلىپ قورۇپ (قورۇش جەريانىدا دىققەت قىلىڭ تۇخۇم ئېزىلىپ كېتىدۇ) مۇۋاپىق ئاق شورپا بېرىمىز، تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلارنى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ كۈنجۈت يېغى سېلىپ يۇمىلاق تەخسىگە ئۇسسۇپ ئۈچتال تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ سەينىڭ چۆرىسىگە تىزىپ تەخسىنى بېزەيمىز - دە، مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىرىمىز.

 

مەنبە: ئاشپەز تورى تەھرىر: ئاينۇر