باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

قىسمەن مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمىز

غالىب خۇجىئابدۇللا

      مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇسىبەت ئىشلىرىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. خەلقىمىز قەدىمدىن دىيارىمىزنىڭ بوستانلىقلىرىنى بويلاپ تارقاق ئولتۇراقلىشىپ كەلگەچكە، ھەر قايسى يۇرتنىڭ مۇسىبەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئادەتلىرىمۇ بىر-بىرىگە سەل - پەل ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن كىشىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا مۇسىبەت ئىشلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ئازلاۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئورتاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ياشلارغا، كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      خەلقىمىز ۋاپات بولغۇچىنى ئىززەت - ئېھتىرام بىلەن دەپنە قىلىشنى بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇلار ‹‹بۇ دۇنيادا ئازمايدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ›› دېگەن ھەقىقەتنى چۈشەنگەچكە، مەرھۇمنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ئادىتىمىزدە مەنئى قىلىنىدۇ. خەلقىمىز ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا ‹‹مەرھۇم››، ئايال بولسا ‹‹مەرھۇمە›› دەپ ئاتايدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاۋۇتى جامائەت تەرىپىدىن تاكى قەبرىستانلىققىچە ئۇزىتىلىدۇ ۋە جامائەت تەرىپىدىن يەرلىنىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مەرھۇمنىڭ ھۆرمىتىگە قارىلىق تۇتىدۇ. ئەرلەر بېلىگە ئاق باغلايدۇ ياكى بېشىغا سەللە يۆگەيدۇ. ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ. پاتىھەچىلەر ھازىدارلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىدۇ، تەسەللى بېرىدۇ. مەرھۇمنىڭ يەتتە نەزىرىسى بېرىلمىگىچە (كېلىم - كېتىم كۆپ بولغاچقا) مەرھۇمنىڭ ئۆيىدە ئاساسەن تاماق ئىتىلمەيدۇ. شۇڭا، قۇلۇم - قوشنا، دوست - بۇرادەرلەر مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە تاماق ئىتىپ ئەكېلىدۇ. مەرھۇمنىڭ يەتتە نەزىرى بېرىلمىگىچە (بۇ ئادەت ھازىر زامانباپ ئىسلاھ قىلىنماقتا) مەرھۇمنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى بېلىدىكى ياكى بېشىدىكى ئاقنى يەشمەيدۇ. ئەرلەر ساقال - بۇرۇتىنى ئالمايدۇ. ئايال تۇغقانلار مەرھۇمنىڭ قىرقى بولمىغىچە، ھەتتا بەزىدە يىلى تۇشمىغىچە بېشىدىكى قارىلىقنى ئالمايدۇ.

      مەرھۇمغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ نەزىر، بەش نەزىر ۋە يەتتە نەزىرلەر خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، بەزى جايلاردا يەتتە نەزىر، بەزى جايلاردا بەش نەزىر چوڭ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدە يەتتە نەزىر، تۇرپاندا بەش نەزىر كاتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. خوتەندە 20 كۈنلۈك نەزىر ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. مەرھۇمنى ئادەتتە تۆت كىشى سۇغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ‹‹باش يۇيغۇچى›› يەنە بىرسى ‹‹ئاياغ يۇيغۇچى›› بولۇپ قالغان ئىككىسى ئاساسەن سۇ قۇيۇپ بېرىدۇ. باش يۇيغۇچى مۇردىنىڭ بېلىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى، ئاياغ يۇيغۇچى مۇردىنىڭ بېلىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يۇيىدۇ. يۇيغۇچىلار مۇردىنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ كېپەنلىكىنى تەييارلاپ، مۇردىنى كېپەنگە ئالىدۇ. مۇردا يۇيۇلۇپ كېپەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ بالا - چاقىلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى مۇردا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا، ئۇنىڭ ئايالى، ئايال بولسا، ئۇنىڭ ئېرى مۇردا بىلەن ۋىدالاشمايدۇ. چۈنكى خەلقىمىزدە جان چىققاندىن كېيىن ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە يات بولىدۇ (نىكاھتىن ئاجرايدۇ)، بىر - بىرىگە نامەھرەم بولىدۇ، دېگەن قاراش بار.

      مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى كۆپىنچە مەسچىتتە، بەزىدە مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە يېقىن، جامائەتكە قولايلىق چوڭراق جايلاردىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ.

      قەبرىلەرنى يىراقتىن قاراپلا، قايسىسىنىڭ ئەر ياكى ئايال، قايسىسىنىڭ ياشانغان كىشى ياكى بالا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ(ھازىر بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ قالدۇق). ئۇيغۇر قەبرىلىرىدىكى بۇنداق ئالاھىدىلىك، قۇمۇل، تۇرپان قەبرىستانلىقلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. خەلقىمىز ئادەتتە ئەرلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىككى پەلەمپەي قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىنى تولۇق تاش شەكلىدە قاتتۇرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، بىرىنچى پەلەمپەي خاماننى، ئىككىنچى پەلەمپەي خامانغا يېيىتىلغان ئاياغنى، ئۈستىدىكىسى باشاقتىن دان ئايرىيدىغان تۇلۇقنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى تالا ئىشىنى، دېھقانچىلىقتىكى ئېغىر ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خەلقىمىزدە ئادەتتە ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئۈچ پەلەمپەي قېلىپ قاتتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: بىرىنچى پەلەمپەي ھويلا - ئارانلارغا سېلىنىدىغان سۇپىنى، ئىككىنچى پەلەمپەي سۇپىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان سۇپرىنى، ئۈچۈنچى پەلەمپەي سۇپرا ئۈستىگە قويۇلغان ئاشتاختىنى، ئەڭ ئۈستىدىكىسى ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان نوغۇچنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاساسلىق ھويلا - ئاران، ئۆي ئىشىنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەلقىمىز ياشانغان كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى باشقا قەبرىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن چوڭراق قاتتۇرىدۇ. نارەسىدىلەرنىڭ قەبرىسى كىچىكرەك قاتتۇرۇلىدۇ.

      خەلقىمىز قەبرىستانلىقنى بىر خىل مۇقەددەس جاي ھېسابلايدۇ. يولدا كېتىۋاتقاندا بىرەر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىپ قالسا دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى تىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. قەبرىلەرگە قولىنى چىنەپ سۆزلەشتىن، شۇ ئورۇندا قالايمىقان چاقچاق قىلىشتىن، ناخشا ئېيتىشتىن، قەبرىستانلىقنىڭ قېشىدا ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، ئۇ يەردە ھاجەت راۋا قىلىشتىن، قەبرىستانلىقتا جېدەللىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.

      قىسقىسى، خەلقىمىزنىڭ مۇسىبەت، دەپنە ئىشلىرىغا ئائىت ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - مىزانلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەنئەنىۋى ئادەتلەر بىلەن ھازىرقى ئادەتلەر، شۇنداقلا ھەر قايسى يۇرتنىڭ ئادەتلىرى بىر - بىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ. بۇنى قارىماققا ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك تۇيۇلسىمۇ، يەنىلا چۈشىنىشمەسلىكلەر، سەل قاراشلاردىن ساقلانغىلى بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا، ياشلارغا بۇ ھەقتە بىلىشكە تېگىشلىك قائىدە - يوسۇنلارنى توغرا ۋە ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ قويۇش سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرىدۇر.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر