باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش توغرىسىدا

      راشىدىن شەرىپى

      ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەتقىقات تېمىسى››نى يولغا قويۇش، شۇنداقلا ئەخلاق، جەمئىيەت, ئىدىيە – ئەخلاق جەھەتتىكى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش رىئال تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشتىكى ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆگىنىش تەتقىقاتىنىڭ زۆرۈرلىكى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەردە روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

      1. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنى يالغۇر پىكىر قىلىش يولىدىن ھەمكارلىشىپ پىكىر قىلىش يولىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشتىن ئىبارەت بىر ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا تايىنىۋېلىش خاھىشىنى تۈگىتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىچە قاراش، يېڭىچە تەپەككۇر يولىنى ئېچىپ ئىجادكارلىق روھىنى تەدرىجى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دەرسخانىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن: (1) ماتېرىيال توپلاش (2) رەسىم سىزىش (3) داۋاملاشتۇرۈپ يېزىش ... قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ئوقۇغۇچىلاردا تىرىشىش، ئىنتىلىش، قول سېلىپ ئىشلەش، كەشپىيات يارىتىش قاتارلىق ھاسىلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. دېمەك، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن بەلكى ئۆگىنىش روھىي ھالىتى، غەيرەت – شىجائىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر.

      2. ‹‹ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۈستىدە تەتقىقات تېمىسى››نى يولغا قويۇش نۆۋەتتىكى ‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – يېزىق، پائالىيەت (قوشۇمچە مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا پەن ھالقىپ بىلىمگە ئىگە قىلىش بولغاچقا نۆۋەتتە تەتقىق قىلىنىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلسا تامامەن بولىدۇ. مەسىلەن، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مۇۋاپىق. بىز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىر خىللا. يەنى يادلاش، مەنىسىنى چۈشەنمەي دوراپ ئوقۇش... دېگەندەك. ئۇلاردا ئۇنىۋېرسال ساپا كەمچىل. مۇشۇنداق بولغاچقا ئىنتىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىزدىنىش يوق دېيەرلىك. بەزى مەكتەپلەردىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىدا ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقتىن ئۇلار باشقا سىنىپتىكى دوستلىرى بىلەن رىقابەتكە چۈشەلىگەن. ‹‹قوش تىل›› سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز نۆۋىتىدە چەت ئەل تىلىدىمۇ باشقا بالىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا قويىدىغان تەلىپى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ مول بولغان مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە قىلىش بولغاچقىمۇ بۇ خىل ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تەتقىقاتىغا بېقىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

      3. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەتقىقات ساپا مائارىپىنىڭ ئېھتىياجى. كونىلاردا: ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر›› دەيدىغان گەپ بار. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ بالىلارنى كىتابىي بىلىملەردىن سىرت يەنە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر توغرۇلۇق بىلىمگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا يەنە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ماھىرلىق بىلەن قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنغان.

      ‹‹بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر›› ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۈستىدىكى تەتقىقات بولسا ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشتىكى بىر شوتا، شۇنداقلا ئۆتكۈنچى رول ئوينايدىغان كۆۋرۈك. بىز ئوقۇغۇچىلارنى كىتابىي بىلىم جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى باشقا تۈرلۈك بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم بۇ خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. دېمەك، ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ساپا مائارىپىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارىدۇ.

      نۆۋەتتە كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەردىمۇ مەيلى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بولسۇن، مەيلى ساپا مائارىپى ئوقۇتۇشى بولسۇن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىردىبىر چارە ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ قالغان. شۇنداق بولغاچقا چەت ئەللەردىمۇ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈنمەكتە.

      قىسقىسى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى، ساپا مائارىپى، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتكە ماس كېلىدۇ، تارىخي يۆنىلىشكە ئۇيغۇن. ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىنى جانلاندۇرىدۇ.

قىستۇرما سۈرەتنى ئەخمەتجان ھوشۇر تارتقان.

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر