باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ماھارىتى

2 - ئاخىرلاشتۇرۇش

      ئەمدى ماقالىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرسا ياخشى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بىرجۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ماقالىدىكى ئاساسلىق مەزمۇن ئىپادىلىنىپ بولغان ھامان ئۇنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم. ئەگەر دېمەكچى بولغان ئاساسلىق گەپ - سۆزلەر تۈگىگەندىن كېيىنمۇ يەنە شاخلىتىپ داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغان بولساق، ماقالىمىز چېچىلاڭغۇ  بولۇپ قالىدۇ. مۇھىمى ماقالە مەزمۇنىنىڭ قەيەرگە كەلگەندە تۈگەيدىغانلىقىنى، نەدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، يېزىشقا كىرىشىشتىن ئاۋۋال نەدىن باشلاپ، قەيەردە ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكى ھەقققىدە ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇۋېلىشىمىز لازىم.

      ئادەتتە ۋەقەلىك يېزىلغان ماقالىلەردە ئاساسلىق ۋەقە تۈگىگەن ھامان ئاخىرلاشتۇرساق بولىدۇ. ئادەمنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان ماقالىلەردە، شەخسنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى، نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بولغان ھامان  ئاخىرلاشتۇرساق بولىدۇ. مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئادەتتە مۇھاكىمە قىلىنغان مەسىلىگە تولۇق جاۋاب بەرگەندىن كېيىنلا ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

      ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئىچىدە كۆپرەك ئۇچيرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

      1. ماقالە مەزمۇنىنى تولۇق خۇلاسىلەپ ئاخىرلاشتۇرۇش

      بۇ ئۇسۇلدا ماقالىدە يېزىلغان مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك خۇلاسە چىقىرىلىدۇ ياكى ئىش - ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى يىغىنچاقلىنىپ قايتا كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن، بىز يۇقىرىدا باشلانمىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ‹‹كۆچۈرمىكەشلىكتىن ساقلىنايلى›› دېگەن ماقالە خۇلاسە شەكىلدە مۇنداق ئاخىرلاشقان:

      بىز بۇنداق ناچار ئىللەتنى تۈگىتىپ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، بىلمىگەننى باشقىلاردىن تارتىنماي سوراپ ئۆگىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

      2. ئۈمىد، چاقىرىق ھالىتىدە ئاخىرلاشتۇرۇش

      بۇ خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۈمىد، چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كىتابخانلار كۈچلۈك تەسىرات ھەم زور ئىلھامغا ئىگە قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ھاۋاخان خوجىنىڭ ‹‹تىرىشچان قىز›› ناملىق ماقالىسىى چاقىرىق ھالىتىدە مۇنداق ئاخىرلاشقان:

      مەن بارلىق ساۋاقداشلارنى دىلدارنىڭ ئىگىلمەس - سۇنماس روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىمەن.

      مانا بۇ خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى كىتابخانلارنىڭ تىرىشىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۇلارنى يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلغان ئەھۋالدا قوللىنىلىدۇ. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە خۇلاسە خاراكتېرلىك ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

      ساۋاقداشلارنىڭ ماقالىلىرى ئىچىدە يەنە ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى ئىزھار قىلىش ۋە تەكىتلىشىگە، ماقالىسىنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن  ئاخىرلاشتۇرۇشىغا باب كېلىدۇ. مەسىلەن، ‹‹ مېنىڭ پارتىدىشىم›› دېگەن ماقالە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئاخىرلاشقان:

      مەن بىزنىڭ ئاخىرىغىچە پارتىداش بولۇپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

      مانا بۇ ئاخىرلاشتۇرۇش ئۆزىنىڭ بىرلا جۈملىدىن تۈزۈلگىنىگە قارىماي، ماقالىنى ناھايىتى ياخشى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، ئاپتورنىڭ ئۆز پارتىدىشىغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئارزۇسى ئارقىلىق ناھايىتى روشەن كۆرسىىتپ بەرگەن.

      3. ئىرادە بىلدۈرۈش شەكلىدە ئاخىرلاشتۇرۇش

      كىچىك دوستلار ئۈمىدۋار ھەم ئىرادىلىك كېلىدۇ، ئۇلار كۈندىلىك ھەرىكەت - پائالىيەتلىرى ۋە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا ھەرقاچان ئۆز ئىرادىسىنى چىڭىتىپ بارىدۇ. ئومۇمەن ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا ئۆز ئىرادىسىنى باغلايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىغىمۇ مۇستەھكەم ئىرادىلىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مەسىلەن، بىز يۇقىرىدا باشلانمىسىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ‹‹مېنىڭ ساۋاقدىشىم رەناگۈل›› ناملىق ماقالە مۇنداق ئاخىرلاشقان:

      كۆڭلۈمدە: ‹‹مەنمۇ رەناگۈلدەك ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي قىز  بولىمەن›› دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.

      راھىلە تۇرغۇننىڭ ‹‹ئەھمىيەتلىك پائالىيەت›› دېگەن ماقالىسى مۇنداق ئاخىرلاشقان:

      شۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكى، مەن بالىلىق دەۋرىمدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاپامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن!

      مانا بۇ خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ماقالە ئاپتورى ھەم كىتابخانلارنىڭ ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

      ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى خىلمۇخىل بولۇپ، ھەربىر ماقالىدە شۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىپادىلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى تاللاپ قوللىنىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى باشلاش ماقالىنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇشقا يول ئاچالايدىغان ۋە تۈرتكە بولالايدىغان بولۇشى، ئاخىرلاشتۇرۇشمۇ جەزمەن ئاخىرلىشىشقا تېگىشلىك جايدا ئاخىرلىشىشى لازىم.

 

مەنبە: ‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى›› دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي