باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدۇ

      ئادەم ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالسىلا، ئۇنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ۋاھالەنكى، بىز يادلىۋالغان تېكىست ياكى خام سۆزلەرنى بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالىمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ ئىككى تۈرلۈك ئەستە تۇتۇشنىڭ شەكلىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدا. ئالدىنقىسى ھەرىكەتلىك ئەستە تۇتۇش، كېيىنكىسى لوگىكىلىق ئەستە تۇتۇش. كىشىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز چېلىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىدىكى ماھارىتىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتلىك ئەستە تۇتۇش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. بىز ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگەندە، بەدەندىكى ئالاقىدار مۇسكۇللارنى بىر تۈرلۈك شەرتلىك رېفلېكسنى ئورۇنداشقا مەشىق قىلدۇرىمىز. ئۆگىنىۋالساقلا، ھەرىكەتكە مەسئۇل كىچىك مېڭىدە خالىغان ۋاقىتتا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىز قالىدۇ. ھەرىكەتلىك ئەستە تۇتۇش دەسلەپتە قىيىنراق بولىدۇ، ئەمما، ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىدۇ، يەنە كېلىپ قانچىكى چوڭ مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى شۇنچە ئاسان ئۇنتۇلمايدۇ. مەسىلەن: بەل - پۇت مۇسكۇللىرى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان ۋېلىسىپىت مىنىش ماھارىتىنى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن قايتا قوللانسىمۇ، قىيىن تۇيۇلمايدۇ. ئەمما، لوگىكىلىق ئەستە تۇتۇشنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك دەرىجىدە ئابستراكتلىق ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنەلىگەندىلا، ئاندىن ئەستە چىڭ ساقلىغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ماتېرىيالدىن تەھرىر: مەۋلان