باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مائارىپقا چىگىلگەن رىشتە

نىياز راخمان

      — رەھمىتۇللا مۇئەللىم، سىز ئۈچىنچى بالىڭىزنىمۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتماقچىمۇ؟

      — شۇنداق، بالامنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ.

      — ئىككى بالىڭىزنى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتتىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىقىنىڭ جاپاسىنى تارتتىڭىز، بالىلىرىڭىزنى نېمىشقا باشقا كەسىپتە ئوقۇتماي يەنە مائارىپ كەسپىدە ئوقۇتىسىز؟

      — مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 34 يىل بولدى. بۇ خىزمەتنىڭ جاپاسىنىمۇ تارتتىم ھەم نۇرغۇن شان – شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشتىم، مېنىڭ پەرزەنتلىرىمنى يەنىلا ئوقۇتقۇچى قىلغۇم بار. چۈنكى، مەن ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرىمەن.

      مانا بۇ كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى رەھمىتۇللا ئىمىرنىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن قىلىشقان بىر قېتىملىق سۆھبىتى. رەھمىتۇللا ئىمىر 1981 – يىلى سابىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، ئانامەكتىپى — خانىقاتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىدى. 1983 – يىلى يىل بېشىدا ئۇ مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ خىزمەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە، مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسى شۇ يىلى ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق ياچېيكىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 1983 – يىلى كۈزدە مەكتەپ ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، مەكتەپنىڭ تەبىئىي پەن ئوقۇتۇشىدا نەتىجە ئۇدا تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى. 1984 – يىلى ئۇ مەسئۇل بولغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 15ى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يەتتىسى ئالىي مەكتەپكە، بەزى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا ئۆتۈپ، خانىقاتام يېزىسىدا بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ئۆتەلمەسلىك ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىكى تۇنجى غەلىبىسى ھەم ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ 1988 – يىلى مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ ئەزالىقىغا، 1990 – يىلى كۈزدە مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرلىققا، 1993 – يىلى مەكتەپنىڭ باش ئىلمىي مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. 1998 – يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ شارائىتى ناھايىتى جاپالىق، يېزا بازىرىدىن ئون كىلومېتىر، ناھىيە بازىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن كەمچىل يېڭىيەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. بۇ مەكتەپتە 30دەك ئىشچى – خىزمەتچى بولۇپ، كۆپىنچىسى سىرتتىكى يازا – بازاردىن كەلگەن ياشلار ئىدى، ئۇلار كەنتنىڭ كونا ئىشخانىلىرىدا يېتىپ قوپاتتى. رەھمىتۇللا ئىمىر ئىشنى ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى تۇرالغۇ ئۆي ۋە خاتىرجەم خىزمەت شارائىتىگە ئىگە قىلىشتىن باشلاپ، يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، مەبلەغ ھەل قىلىپ 2002 – يىلى 670 كىۋادرات مېتىرلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈردى. مەكتەپكە 120 مو تېرىغۇ يەر ھەل قىلدى. ئۇ 1985 – يىلىدىن 2006 – يىلغىچە خانىقاتام يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى، پارتىيە قۇرۇلتىيى، كۇچا ناھىيەلىك 9 –، 10 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن يېزا، ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن 25 قېتىم ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹ئاساسىي قاتلام مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەن››، ‹‹تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ تەقدىرلەندى. ھازىر، ئۇ خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر