باش بەت | مەكتەپلەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جياڭمېن شەھىرى ‹‹پېييىڭ›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى

     

      ‹‹پېييىڭ›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى جۇڭگودىكى بىرىنچى مۇھاجىرلار يۇرتى، دۆلەتلىك باغ - ئورمان شەھىرى، دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى ــ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جياڭمېن شەھەرىگە جايلاشقان. بۇ مەكتەپ 1994 - يىلى قۇرۇلغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۆلكە بويىچە 1 - دەرىجىلىك مەكتەپ، ئۆلكە بويىچە زامانىۋى ئوقۇتۇش مۇنەۋۋەر تەجرىبە مەكتىپى، ئۆلكە بويىچە تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ئالاھىدە مەكتەپ، ئۆلكە بويىچە تۇنجى بىخەتەر مەدەنىيەتلىك مەكتەپ.

      بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار، گۈزەل سەنئەت دەرسخانىسى، مۇزىكا دەرسخانىسى، ئۇسسۇل دەرسخانىسى، قىرائەتخانا ۋە تەجرىبەخانا قاتارلىقلار تولۇق ۋە ئىلغار. مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تولۇق، 400 مېتىرلىق يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانى ۋە ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، ۋالىبول مەيدانى ۋە پەي توپ مەيدانى قاتارلىقلار بار. ھازىر بۇ مەكتەپتىكى 62 سىنىپتا 3500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا، 258 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچى بار، مەخسۇس تەيىنلگەنگەن ئوقۇتقۇچىدىن 232سى بولۇپ، ھەممىسى تولۇق كۇرس ياكى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      بۇ مەكتەپ 2005 - يىلى كۈزدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى 80 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ھازىر بۇ مەكتەپتە شىنجاڭلىق 340 ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى بۆلۈمى تەسىس قىلغان، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مول تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلمىي باشقۇرۇپ ۋە ئۇلارغا ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىۋېرسال تەربىيەلەپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى ئۆگىنىش مۇھىتىغا ئوڭايلا ئۆزلەشتى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى.

      بۇ مەكتەپ دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، ‹‹ئۆلكە بويىچە قىشلىق تەنتەربىيە چېنىقىشتىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹ئۆلكە بويىچە ئارخىپ باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدە دەرىجىلىك ئورۇن››، ‹‹جياڭمېن شەھىرى بويىچە ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹بىخەتەر، مەدەنىيەتلىك مەكتەپ››، ‹‹تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە مەكتەپ››، ‹‹باغ - ئورمانلاشتۇرۇش بويىچە ئىلغار›› ئورۇن قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان