باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

چاق ئىزى

       بىر كۈنى تاڭ سەھەردە، فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ۋە خىمىيە ئالىمى كيۇرى خانىم كوچىغا ۋېلىسىپىتلىق چىقىپتۇ. ئۇ كۈنى ئازراق يامغۇر يېغىپ توختىغان، ھاۋا شۇنداق سالقىنكى كىشىگە ھۇزۇر بېرەتتى. كوچا جىمجىت، يولدا ئادەملەر شالاڭ ئىدى. كيۇرى خانىم ۋېلىسىپىتلىق كېتىۋېتىپ بىر ساقچىنىڭ يول بويىدا قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، قارىسا كۆكرىكى يارىلانغان، ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە قالغانىكەن. كيۇرى خانىم ئىتتىك بوينىدىكى شارپىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىپتۇ.

      ساقچى يارىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىماي قاتتىق ۋارقىراپتۇ، ئۇ كيۇرى خانىمغا قاراپ پەس ئاۋاز بىلەن: «بۇنىڭدىن بەش، ئالتە مىنۇت ئىلگىرى بىر ياشنى سوراق قىلغانلىقى، ئۇ ياشنىڭ يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تىقىپ، ئاندىن ۋېلىسىپىتنى مىنىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ، ساقچى سۆزلەۋېتىپ جىنايەتچى قاچقان تەرەپنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ – دە، جان ئۈزۈپتۇ».

      كيۇرى خانىم يولدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنى چاقىرىپ ھېلىقى ساقچىغا قاراپ قويۇشنى ئېيتىپ، ئۆزى ساقچى كۆرسەتكەن تەرەپ بىلەن جىنايەتچىنى قوغلاپ كېتىپتۇ. لېكىن، ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا ئاچا يولغا كېلىپ قاپتۇ. قاتىل قايسى تەرەپكە قاچقان بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇ ئىككى تەرەپتىكى يولغا كۆز تىكىپ قارىسا ھەر ئىككىسى ئېگىز كەملىگەن دۆڭ يول ئىكەن. ئاچالغا 40 مېتىر كېلىدىغان جايدا ھەر ئىككى يولغا بىر قەۋەتتىن سېرىق قۇم تۆكۈلگەن. ئۇ ئالدى بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى يولنى كۆزىتىپتۇ، بۇ يولغا تۆكۈلگەن بىر قەۋەت سېرىق قۇمدا ۋېلىسىپىت چاقىنىڭ يەڭگىل باسقان ئىزىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ قاتىل مۇشۇ يول بىلەن قاچقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپتۇ. بىراق، دەرھال سول تەرەپتىكى يولنىڭ سېرىق قۇم تۆككەن يېرىدە خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىزنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ. بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇ ھەر ئىككى تەرەپتىكى ۋېلىسىپىت ئىزىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ كۆرۈپتۇ: ئوڭ تەرەپ يولدىكى ئىزدا ئالدى چاق بىلەن كەينى چاقنىڭ قۇمغا پېتىش دەرىجىسى ئاساسەن ئوخشاش، سول تەرەپ يولدىكى ئىزدا كەينى چاق قۇمغا بەكرەك پاتقان، ئالدى چاق ئانچە پاتمىغان. ئۇ ئويلاپ ئاخىرى ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ.

      بۇ چاغدا يەنە بىر ساقچى ۋېلىسىپىتلىك يېتىپ كەپتۇ. كيۇرى خانىم ئۇنىڭغا:

      — قاتىل ئوڭ تەرەپتىكى يول بىلەن قاچقان. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئادەتتە ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كەينى چاققا چۈشىدۇ، شۇڭا تۈز يولدا ماڭغاندا ياكى دۆڭدىن چۈشكەندە، ئالدى چاقنىڭ ئىزى چوڭقۇر بولمايدۇ، كەينى چاقنىڭ ئىزى چوڭقۇر بولىدۇ. دۆڭگە چىققاندا، ۋېلىسىپىت مىنگۈچى ئالدىغا ئىڭىشىپ ئېغىرلىقىنى رولغا چۈشۈرۈپ ماڭغاچقا، كەينى چاق بىلەن ئالدى چاقنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ئىككى يولنىڭ ھەممىسى دۆڭگە ماڭىدىكەن، قاتىل مىنگەن ۋېلىسىپىتنىڭ كەينى چاقى بىلەن ئالدى چاقنىڭ ئىزى ئوخشاش بولۇشى كېرەك، ئوڭ تەرەپ يولدىكى ئىز دەل مۇشۇنداق، شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قاتىل ئوڭ تەرەپتىكى يول بىلەن قاچقان. سول تەرەپ يولدىكى ئىز دۆڭدىن چۈشكەندىكى ئىز، بۇنى قاتىلنىڭ ئىزى دېيىشكە بولمايدۇ، — دەپتۇ.

       ساقچى بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ – دە، دەرھال قوغلاپ مېڭىپتۇ، راست دېگەندەك قاتىل مۇشۇ يولدىن چىقىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەردىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي