باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

سۇيۇق سوپۇننىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى

      سۇيۇق سوپۇن ھازىر پەيدىنپەي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئايرىلالمايدىغان زۆرۈر لازىمەتلىككە ئايلانماقتا. يېقىندا تەتقىقاتچىلار سۇيۇق سوپۇنغا قارىتا باشقىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، ياپونىيەلىك ئالىملار 20 نەچچە يىل تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا سۇيۇق سوپۇننىڭ ساغلاملىققا بولغان زىيانلىق تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىنى، ئۇنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.

      سۇيۇق سوپۇن ئەمەلىيەتتە نېفىت قالدۇقلىرىدىن ياسالغان قوشۇمچە مەھسۇلات بولۇپ، سۇدا ئاسان ئېرىيدىغان، قالدۇق چۆكىندى ماددىلىرى قالمايدىغان، باھاسى تۆۋەن، يۇيۇش ئىقتىدارى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە خۇشبۇي ھىدى ۋە رەڭلىك قۇتىلىرى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى زۆرۈر لازىمەتلىككە ئايلانغان.

      سۇيۇق سوپۇننىڭ بۇلغاش ئىقتىدارى ئاساسلىقى سىرتقى يۈزىنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى دورىلاردىن كېلىدۇ. چۈنكى سىرتقى يۈزىنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى دورىلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تارتىشىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا سۇمۇ سىڭىپ كېرەلمەيدىغان تالا يوچۇقلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، تالا تۆشۈكچىلىرىدىكى يوشۇرۇنۇۋالغان كىر قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتەلەيدۇ. سۇيۇق سوپۇندىكى بەزى خىمىيەلىك تەركىبلەر بۇ يوچۇقلارغا كىرىۋالغاچقا، سۇ بىلەن ئۇلارنى يۇيۇپ چىقىرۋېتىش تەس.

      ئوخشاشلا، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىمۇ ئادەم تېنىگە سىڭىپ كىرەلەيدۇ. تېرىگە يېپىشقان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ %0.5ى قان سۇيۇقلۇقىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ. ئەگەر تېرىدە جاراھەت بولسا، سىڭىپ كىرىش ئۈنۈمى ئون ھەسسە ئاشىدۇ. تەنگە سىڭىپ كىرگەن زەھەرلىك ماددىلار قان سۇيۇقلۇقىدىكى كالتسىي ئىيوننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق زەھەرلىك ماددىلار يەنە جىگەرنىڭ زەھەرنى تازىلاش ئىقتىدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشقا تېگىشلىك زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن ئىچىدىكى مىقدارى كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، جىگەردىكى ھۈجەيرىلەردە كېسەللىك پەيدا قىلىپ، ئاسانلا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سالامەتلىككە زىيان سالمايدىغان، مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان، زىيانسىز سۇيۇق سوپۇن ئىشلەپچىقىرىش كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بېرىپ چېتىلىدىغان جىددىي ئىش بولۇپ قالدى. شۇڭا، ھازىر دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەت مەۋقەنى تەبىئىي، زىيانسىز سۇيۇق سوپۇن ئىشلەپچىقىرىشقا قاراتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان