باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئوڭ قول سول قولدىن %4 چوڭ بولىدۇ

      ئىستاتىستىكىدىن ئايانكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا %98 ئادەم ئوڭ قولى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭا سول قول مەيلى كۈچ جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى چوڭلۇق ۋە ئېغىرلىق جەھەتتە بولسۇن، ھامان ئوڭ قولغا يەتمەيدۇ. قارىماققا ئادەمنىڭ بەدىنى ئوڭ ۋە سول دەپ ئىككىگە ئايرىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر - بىرىگە دەل كەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئوڭ قولى بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئوڭ قولىنىڭ قىلىدىغان ئىشى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئوڭ قول سول قولدىن ئاز بولغاندىمۇ %4 چوڭ بولىدۇ. ھەتتا ئوڭ قولىنىڭ مۇسكۇلى بىلەن سۆڭىكىمۇ سول قولىغا قارىغاندا چوڭ، تەرەققىي قىلغان، كۈچىمۇ كۆپ بولىدۇ. تېخى ئوڭ قول سول قولدىن سەل - پەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئوڭ قولنىڭ سول قولغا قارىغاندا بەكرەك تەرەققىي قىلغانلىقى پۇتقىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئوڭ ۋە سول پۇتنىڭ ئارىسىدا پەرق پەيدا قىلىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان