باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادامنىڭ كۈلكىسى

      شىرمەمەت تاشمەمەت

     ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ دادامنىڭ بىرەر قېتىم كۆلۈپ باققىنىنى بىلمەيمەن. نېمىشقىدۇر دادامنىڭ چىرايىدىن مۇز يىغىپلا تۇراتتى. بىرەر خاپىلىقى بارلىقىنىمۇ دېمەيتتى. شۇڭا، مەھەللىدىكىلەر دادامغا مەمەت ‹‹توڭ›› دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى. ئاكام ئىككىمىز دادامنىڭ خۇشال يۈرۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاكام ئىككىمىز ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشسەك خۇشال بولۇشنىڭ ئورنىغا قوپال ئاۋازى بىلەن: ‹‹كېتىڭلار، بېرىپ تەكرار قىلىڭلار!›› دەپ بىزگە ئىش قىلدۇرمايتتى. بىزمۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تەكرار قىلاتتۇق.

      ئاكام تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا، مەن باشلانغۇچنىڭ 6 – يىللىقىدا ئوقۇيتتۇق. ئاكامنىڭ ئۆگىنىشى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىدە گەپ يوق ئىدى. لېكىن، ئاكام دائىم ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنى ئويلىماي دادامنىڭ خۇشال يۈرۈشىنىلا ئويلايتتى.

      ئاكام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنېۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ چاقىرىق قەغىزىنى قولىغا ئالغان كۈنى ئۆيدە مۆجىزە يۈز بىرىپ دادامنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى. دادام: ‹‹بالام چوڭ بوپتۇ، ياراملىق ئادەم بوپتۇ›› دەپ ئاكامنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ خۇشال يۈرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرمۇ دادامنى مەمەت ‹‹توڭ›› دىمەي مەمەت ‹‹خۇشخۇي›› دەپ ئاتايدىغان بولۇشتى. شۇ چاغدا دادامنىڭ بىز ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولساقلا خۇش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. مەنمۇ دادامنى خۇش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇش نىيىتىگە كەلدىم.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر