باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

تۇخۇمنى كۆپ يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق

      قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى يۇقىرىلايدۇ. تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خولېستېرىن بولۇپ، كۆپ يېگەندە خولېستېرىن مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ، ئارتېرىيەنىڭ قېتىشىشىنى ۋە يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

      جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئارتۇق يېگەن تۇخۇملاردىكى ئاقسىلنىڭ پارچىلانغان ھاسىلاتلىرى جىگەرنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، مېتابولىزمدىن كېيىنكى ھاسىل بولغان كۆپ مىقداردىكى كېرەكسىز ئازوتلار بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا بىۋاستە بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا كۆپ مىقداردا تۇخۇم ئىستېمال قىلىش جىگەرگە پايدىسىز.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان