باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

ئۇششاق كېسەللەرنى داۋالايدىغان يېمەكلىكلەر

      قېتىق: قېتىق ئېغىز بوشلۇقىنىڭ pH قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

      زەيتۇن يېغى: زەيتۇن يېغىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولۇپ، كالپۇك يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

      شېكەر: قۇرامىغا يەتكەنلەر ھېق تۇتۇپ قالغاندا بىر چىمدىم شېكەرنى قۇرۇق يۇتۇۋەتسە، ھېقنى توختىتىش ئۈنۈمى %59 بولىدىكەن.

      يېشىل چاي ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ: يېشىل چاي ئىچىپ چېنىقىدىغانلار بىلەن يېشىل چاي ئىچمەي چېنىقىدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، يېشىل چاي ئىچىپ چېنىقىدىغانلارنىڭ ئورۇقلاش ئۈنۈمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

      شاكىلاتلىق سۈت مۇسكۇلنى ئەسلىگە قايتۇرىدىكەن ۋە مۇسكۇلنى يوغىنىتىدىكەن؛ سۇلۇ، بانان، ياڭاق ئۇيقۇنى ياخشىلايدىكەن؛ ئاپېلسىن شەربىتى ھاراق تاشلاشقا ياردەم بېرىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان